2016-يىلى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى نىفىت سودا تەھلىلى

karima 2016-07-27 12:44:31

\

ئاساسىي ئانالىز

سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا 9- ئايلىق WTI قەرەللىك نېفىت بازار يېپىلىش باھاسى 0.21 دوللار تۆۋەنلەپ، 42.92 دوللار/باك بولدى. برېنىت 9- ئايلىق قەرەللىك نېفىت بازار يېپىلىش باھاسى 0.15 دوللار ئۆسۈپ، 44.80 دوللار/باك بولدى. دوللارنىڭ ئۆسۈش ھالىتىدىن ئامېرىكا فېدراتسىيسىنىڭ ئۆسۈم قارار يىغىنىدىن بۇرۇن ئېھتىياتچان ھالىتىگە ئۆتتى، دوللارنىڭ ئۆسۈش يۆنىلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، نېفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولدى، لېكىن تەييار ماي زاپاس مىقدارىنىڭ بېسىم كۈچى يەنىلا بىرقەدەر چوڭ بولۇپ، تەمىنلەش ئېشىپ كېتىش ئەندىشىسى ئاخىرلاشماي نېفىت باھاسى شۇ كۈنلۈك چۈشۈش ھالىتىنى داۋاملاشتۇردى. ئامېرىكا WTI قەرەللىك نېفىت باھاسى تۆۋەن باھا 42.38 دوللار/باك بولدى، برېنىت قەرەللىك نېفىت باھاسى تۆۋەن باھا 44.54 دوللار/باك بولدى. بۈگۈن بېيجىڭ ۋاقتى 22:30 دا ئامېرىكا ھەپتىلىك EIA نېفىت زاپاس مىقدارى سانلىق مەلۇماتى ئېلان قىلىنىدۇ.

مەشغۇلات باسقۇچى
تۈنۈگۈن نېفىتنىڭ بىر كۈنلۈك تەۋرىنىشى 2134-2084 ئارلىقىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى. نېفىت باھاسى كۈندىلىك سىزىق جەھەتتە 2068 ئەتراپىدىكى تىرەش نۇقتىسىغا ئۇچرىغان بولىدۇ، تۈنۈگۈن بازار يېپىلىش باھاسى 2098 ئەتراپىدا بولغان بۇلۇپ، نېفىت باھاسىغا بەلگىلىك تىرەشلىك ئېلىپ كەلدى. ئەگەر قولىمىزدا ئۆسۈش مېلى بولسا ساقلاپ قويۇپ تۇرۇپ ،پايدىسنى 2128 گىچە بولغان باھالارغىچە كۆرۈشكە بولىدۇ، بۈگۈن كەچ بېيجىڭ ۋاقتى 22:30 دە نېفىت زاپاس مىقدارى ئېلان قىلىنىدۇ.

1.ئەگەر قولدا مال يوق خېرىدارلار بولسا نېفىت باھاسى 2099 ئەتراپىغا چۈشكەندە ئۆسۈشكە ئېلىپ، پايدىسىنى 2114 نىڭ يۇقىرىدا چىقىرىشقا بولىدۇ.قالغان سودا پۇرسىتىنى بىز vipتوپقا يوللايمىز.

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار

2065

مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.