2017-يىلى 5-ئاينىڭ10-كۈنى كۈمۈش سودا تەھلىلى

rabigul 2017-05-10 10:52:08

\

ئاساسىي ئانالىز
چارشەنبە (5-ئاينىڭ10-كۈنى) ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازىرى ۋاقتىدا كۈمۈشنىڭ باھاسى 16.20 دوللار ئەتراپىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى. سەيشەنبە (5-ئاينىڭ9-كۈنى) ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس مال كومىتېتىنىڭ بىر نەچچە ئەمەلدارلىرى ئۆسۈم قۇشۇش تۇغىرسىدا سۆز قىلغانلىقى سەۋەبىدىن، بازارنىڭ ئامېرىكا پۇل سىياسىتىنىڭ تارايتىش مۆلچەرى ئۆرلەپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا دوللىرى ۋە ئامېرىكا زايوم پايدا نىسبىتى ئاشتى، ھەم كۈمۈش باھاسى 16.05 دوللار ئەتراپىغا چۈشۈپ، تۆت ئايدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىنى ياراتتى. چارشەنبە كۈنى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتى ئامېرىكا ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇمات ئىپادىسى ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، يەنە كەچتىكى ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ باشلىقنىڭ سۆزى.

مەشغۇلات باسقۇچى ۋە خۇلاسە
1.سەيشەنبە كۈنى كۈمۈشنىڭ باھاسى 16.32-16.05 دوللار ئارىلىقىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى، تۆنۈگۈن بىز ئەتىگەنكى تەھلىلدە كۈمۈشنى 16.35-16.40 دىكى باھالاردىن چۈشۈشكە ئېلىپ پايدىسىنى 16.20-16.25 گىچە كۆرىمىز، زىيىنى 16.50 گە تەڭشەيمىز دەپ تەھلىل يۇللىغانىدۇق، ئەتىگەنكى بازاردا كۈمۈش باھاسى 16.28 دوللار ئەتراپىغا كەلگەندە توپتا بىز ئەسكەرتىش بەرگەن ئىدۇق، ئۇزاق ئۆتمەي كۈمۈش باھاسى 16.19 دوللار ئەتراپىغا چۈشۈپ ئىككىنچى پايدا رايونىغا يەتتى، ئەگەر مۇشۇ تەھلىل بۇيىچە سودا قىلغان بولساق 9 نۇقتا پايدا ئالغان بولىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىز يەنە كۈمۈشنى ياۋرۇپا بازىرىدا كۈمۈشنى 16.30-16.25 دىكى باھالاردىن چۈشۈشكە ئېلىپ، پايدىسىنى 16-16.15 گىچە كۆرىمىز، زىيىنى 16.40 گە تەڭشەيمىز دېگەن ئىدۇق، ياۋرۇپا بازىرى ۋاقتىدا كۈمۈش باھاسى16.21 دوللار ئەتراپىغا چىقتى، مۇشۇ نۇقتىلاردىن چۈشۈشكە مال ئالالىغان بولساق كۈمۈش باھاسى كەچلىك بازاردا ئەڭ تۆۋەن 16.17 دوللار ئەتراپىغا چۈشتى، شۇنداق بولغاندا بىز 4 نۇقتا پايدا ئالغان بولىمىز.

2.بۈگۈن كۈمۈش باھاسى ئۆسكەندىن كىيىن چۈشۈشنى ئېلىشنى ئاساس قىلىمىز؛ تەپسىلىي سودا مەشغۇلاتنى qqvip توپقا يوللايمىز.

ئەڭ يېڭى كۈمۈش زاپاس مىقدارى : 10412.74

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار:16
ئەسكەرتىش: تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.