2017-يىلى 5-ئاينىڭ16-كۈنى ئالتۇن سودا تەھلىلى

zumrat 2017-05-16 10:58:17

\

ئاساسىي ئانالىز

خەلقئارالىق ئالتۇن باھاسى سەيشەنبە(5-ئاينىڭ16-كۈنى) ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازىرى ۋاقتىدا 1230 دوللار ئەتراپىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى. دۈشەنبە (5-ئاينىڭ15-كۈنى) ئامېرىكىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىدە داۋالغۇش بولغانلىقتىن، چاۋشىيەننىڭ يادرو بومبىسىنى سىناق قىلىشى ۋە دۇنيا خاراكتېرىلىك تور ۋىرۇسى تارقىلىپ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ خەۋپتىن ساقلىنىش ئېھتىياجى كۈچىيىپ ، دوللار ئاجىزلىغان، شۇنىڭ بىلەن ئالتۇن باھاسىغا چىققان.ھەمدە بىر ھەپتە ئىچىدىكى ئەڭ يۇقىرى نۇقتا ئەڭ يۇقىرى نۇقتا 1237.43 دوللارنى كۆرسەتكەن. سەيشەنبە كۈنى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى بۈگۈن كەچتە ئېلان قىلىنىدىغان ئامېرىكىدىكى يېڭى ئۆينىڭ ئىش باشلاش ئەھۋالى قاتارلىق ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇمات ئىپادىسى، ھەمدە ئامېرىكىنىڭ 6- ئايدا ئۆسۈم قوشۇش ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرى بولۇشى.

مەشغۇلات باسقۇچى

1.دۈشەنبە كۈنى ئالتۇن باھاسىنىڭ بىر كۈنلۈك تەۋرىنىشى 1226.31-1237.3 دوللارئارلىقىدا بولدى. بىز تۈنۈگۈن ئەتىگەنكى تەھلىلدە ئالتۇننى بازار كۆزىتىشنى ئاساس قىلدۇق. ياۋرۇپا بازىرى ۋاقتىدا 1230-1231 دوللار ئەتراپىدىن ئۈسۈشكە ئالىمىز دېدۇق.1231 دوللار ئەتراپىدىن ئۈسۈشكە ئالغان مالنىڭ پايدىسىنى ئامېرىكا بازىرى ۋاقتىدا 1237دوللارغىچە چىقىرىشقا پۇرسەت بەردى.ئەگەر مۇشۇ سودا تەھلىلى بويىچە سودا قىلغان بولساق 6 دوللارغىچە پايدا ئالغان بولىمىز.

2. ئالتۇننى بۈگۈن سودا قىلغاندا ئالتۇن باھاسى ئۆسكەندىن كېيىن چۈشۈشكە ئالىمىز. شۇ ۋاقىتتىكى بازار ئەھۋالىغا ئاساسەن توپقا ئەسكەرتىش بېرىمىز.

3. ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى VIP توپىغا يوللىنىدۇ؛


بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار
1240_1237

مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.