2017-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى ئالتۇن سودا تەھلىلى

zumrat 2017-05-10 10:54:26

\

ئاساسىي ئانالىز

خەلقئارالىق ئالتۇن باھاسى چارشەنبە‏(5.ئاينىڭ10.كۈنى)ئاسىيا بازىرىدا 1220دوللار ئەتراپىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى .سەيشەنبە (5.ئاينىڭ9.كۈنى)ئامېرىكا فېدراتسىيە زاپاس پۇل كومىتىتىنىڭ ئەمەلدارى ئۆسۈم قۇشۇش توغرىسىدا سۆز قىلغاندىن كىيىن ،ئامېرىكا پۇل سىياسىتىدە ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ دوللار ۋە قەرز پايدا نىسپىتى ئۆرلەپ،ئالتۇن باھاسىدا چۈشۈش ھالىتى شەكىللىنىپ ئالتۇن باھاسى سەككىز ھەپتىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نوقتا 1214دوللارغا چۈشكەن ،لىكىن كەينىدىنلا چاۋشيەن ھەربىي ئەمەلدارى يادرو سىنىقى توغرىسىدا سۆز قىلغاندىن كىين ئالتۇن باھاسى ئۆرلەپ 1220دوللاردا بازار يېپىلغان .چارشەنبە كۈنى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بۇلىدىغىنى ئامېرىكا ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇمات ئىپادىسى ،شۇنىڭ بىلەن بىرگە كەچ تەرەپتىكى ياۋرۇپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ باشلىغى دېلاكىنىڭ مۇھىم سۆزى .

مەشغۇلات باسقۇچى

1 . سەيشەنبە كۈنى ئالتۇن باھاسىنىڭ بىر كۈنلۈك تەۋرىنىش دائىرىسى 1214.3‏-1228.7دوللار ئارىسىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى. تۈنۈگۈن ئەتىگەنكى تەھلىلدە بىز ئالتۇننى 1231‏-1233دوللار ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئالىمىز دىگەن ئىدۇق،لىكن بۇ باھالارغا پۇرسەت بەرمىدى.كىيىن بىز يەنە 1228‏-1230دوللار ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئالىمىز دىگەن ئىدۇق،ئەڭ يۇقرى باھا 1228دوللارغىچە پۇرسەت بەردى.1228دوللار ئەتراپىدىن ئالغان ماللارنى 1223دوللاردا بىر قىسمىنى چىقىرىشقا ئەسكەرتتۇق.كەچ تەرەپتە بىز يەنە 1228دوللار ئەتراپىدىن ئالغان چۈشۈش ماللىرىنى 1220 دوللار ئەتراپىدا چىقىرىشقا ئەسكەرتتۇق.ھەم 1224‏-1226دوللار ئەتراپىدىن چۈشۈشكە مال ئالىمىز دىگەن ئىدۇق .بۇ ماللارنى1217دوللار ئەتراپىدا چىقىرىشقا پۇرسەت بەردى.ئۇنىڭدىن كىيىن بىز يەنە 1216دوللار ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ئالىمىز دىگەن ئىدۇق ، بۇماللارنى پايدا رايۇنىدا چىقىرىشقا پۇرسەت بەرمەي1214دوللاردا زىيانغا چىقىپ كەتتى .ئەگەر مۇشۇ تەھلىل بۇيىچە سودا قىلغان بولساق13 دوللارغىچە پايدا 2 دوللارغىچە زىيان بولغان بۇلىدۇ .

2. ئالتۇننى بۈگۈن سودا قىلغاندائالتۇن باھاسى ئۆسكەندىن كېيىن چۈشۈشكە ئالىمىز. شۇ ۋاقىتتىكى بازار ئەھۋالىغا ئاساسەن توپقا ئەسكەرتىش بېرىمىز.

3. ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى VIP توپىغا يوللىنىدۇ؛


بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار
1215
مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.