2017-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى ئالتۇن سودا تەھلىلى

zumrat 2017-01-18 11:26:47

\


ئاساسىي ئانالىز

چارشەنبە (1-ئاينىڭ 18-كۈنى) ئاسىيا ئەتتىگەنلىك سودا بازىرى ۋاقتىدا ئالتۇن باھاسى كىچىك دائىرىدە چۈشۈپ 1213دوللار .ئەتراپىدا تەۋرەندى، سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ (Donald Trump) نىڭ دوللار پېرېۋوت نىسبىتى " زىيادە كۈچلۈك" بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشى، ھەمدە ئەنگلىيىنىڭ باش مىنىستىرى تېرېسسا مېينىڭ ئەنگلىيىنىڭ ياۋروپادىن چېكىنىپ چىقىش خەۋىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كېلىشىمنى پارلامېنتىدا ئاۋازغا قويۇشقا ۋەدە بېرىشى، فونېستېرلىڭنىڭ كۈچلۈك يۇقىرى ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى؛ شۇ سەۋەبتىن دوللار تۆۋەنلەپ، ئالتۇن باھاسى 1% ئەتىراپىدا يۇقىرى ئۆرلەپ، 1218.9دوللار ئەتىراپىغا چىقىپ بىر ئايدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىنى ياراتتى. بۈگۈن مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ مۇھىم دىققەت نۇقتىسى ئامېرىكا CPI سانلىق مەلۇماتىدىن سىرت، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ رەئىسى يېلىن ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرىنىڭ نۇتۇق سۆزى.

مەشغۇلات باسقۇچى

1. سەيشەنبە كۈنى ئالتۇننىڭ بىر كۈنلۈك تەۋرىنىشى 1219.05-1202.70 دوللار ئارلىقىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى. تۈنۈگۈن كۈندۈزدە بىز ئالتۇننى 1208 دىن يېنىك دەرىجىدە چۈشۈشكە ئالىمىز ، ئەگەر 1210-1212 ئەتراپىغا پۇرسەت بەرسىمۇ ئوخشاشلا چۈشۈشكە ئالىمىز، پايدىسىنى 1205-1200 ئەتراپىغىچە كۆرىمىز دېگەن ئىدۇق، تۈنۈگۈن ئاسىيا بازىىردا ئالتۇن باھاسى 1206 ئەتراپىغا چۈشتى، بىز مۇشۇ ئەتراپىدىن چۈشۈش مېلىنى چىقاردۇق ، ھەمدە ياۋرۇپا بازىرىدا 1215-1218 ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئېلىپ، پايدىسنى 1212-1210 ئەتراپىدا چىقىرىمىز دېگەن ئىدۇق، كەچ تەرەپتىن بىزگە چۈشۈش مېلىنى1210-1212 ئەتراپىدا چىقىرىشقا پۇرسەت بەردى . تۈنۈگۈن مۇشۇ بويىچە سودا قىلالغان بولساق جەمئىي 10دوللار ئەتراپىدا پايدا كۆرگەن بولىمىز.

2. بۈگۈن سودا قىلغاندا تۆۋەن باھادىن ئۆسۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلىمىز. سودا قىلغاندا چوقۇم پايدا زىياننى بەلگىلەپ سودا قىلىشىمىز كېرەك. تەپسىلى سودا مەشغۇلاتى VIPتوپقا يوللىنىدۇ.

3. ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى VIP توپىغا يوللىنىدۇ؛

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار

1210
مۇتەخەسسىس : ئالىيە


ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.