دوللار كۆرسەتكۈچى 4 ئايدىن بۇيانقى يېڭى تۆۋەن نۇقتىنى شەكىللەندۈردى

rabigul 2016-02-06 11:44:57

\

تۈنۈگۈن تاشقى پېرېۋوت بازىرىدا، دوللار باھا داۋاملىق تۈردە زور دەرىجىدە چۈشتى. دوللار كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىسى 97.46 ، ئەڭ تۆۋەن نۇقتىسى 96.26 بولۇپ، 96.47 دە بازار يېپىلدى. ياۋرو / دوللار ئەڭ يۇقىرى باھاسى 1.1239، ئەڭ تۆۋەن باھاسى 1.1070، بازار يېپىلىش باھاسى 1.1212 ئەتىراپىدا بولدى.

ئامېرىكا ئالدىنقى ھەپتىلىك پەسىللىك تەڭشەش كېيىنكى دەسلەپكى ئىشسىزلىق سوممىسىنى ئىلتىماس قىلغان ئادەم سانى ئاشتى. مەلۇم بولۇشىچە، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى زور دەرىجىدە ئاستىلىشى ۋە پاي چېكى بازىرى تۆكمە قىلىپ سېتىلىشقا ئۇچرىغان ئەھۋال ئاستىدا، ئەمگەك كۈچى بازىرى قىسمەن ھەرىكەت ئېنېرگىيىسىنى يوقىتىپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، دوللارنىڭ ئاجىزلىشى ۋە چەت ئەللەردىكى ئېھتىياجىنىڭ تۆۋەنلىشى تەسىرىدە، ئامېرىكا 12-ئايلىق يېڭى زاكاز تالونى يېقىنقى بىر يىلدىن بۇيان ئەڭ تۆۋەن سەۋىيىگە چۈشۈپ قالدى، بۇ ئامېرىكىنىڭ ياساش كەسپى غايەت زور بېسىمغا بەرداشلىق بېرىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ (FED) ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرى تۆۋەنلەپ كەتكەچكە، دوللار كۆرسەتكۈچى بىرقېتىمدىلا 97 دىكى ئۆتكەلدىن تۆۋەنلەپ كەتتى، ھەم 4 ئايدىن بۇيانقى يېڭى تۆۋەن نۇقتىنى شەكىللەندۈردى.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.