مەبلەغ سالغۇچىلار پۇل پاخاللىقى خەۋپ-خەتىرىدىن ئېھتىيات قىلىشى كېرەك

gulbostan 2017-05-23 11:37:27

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: خەلقئارا نەق ئالتۇن باھاسى دۈشەنبە كۈنى (5-ئاينىڭ 22-كۈنى)داۋاملىق ئۆرلىدى، دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا بازىرىدا نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 1260 دوللار\ئۇنسىيەلىك ئۆتكەلنى بۇزۇپ تاشلاپ ئەڭ يۇقىرى باھا 1260.80 دوللار\ئۇنسىيەگە چىقتى، نۆۋەتتە مەبلەغ مۇشۇ ئۆتكەلگە يېقىنلاشماقتا. ئامېرىكىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىمسىزلىقى ئامېرىكا دوللىرىغا نىسبەتەن كۈچلۈك بېسىم پەيدا قىلغاچقا، ئۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكا زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇش نىسبىتىمۇ تۆۋەنلىگەچكە، ئالتۇن باھاسى ئۆتكەن ھەپتە شىددەت بىلەن %2.2 ئۆرلەپ، بەش ھەپتىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى تاق ھەپتىلىك ئۆسۈش نىسبىتىنى ياراتتى. ئامېرىكا پاي چەك بازىرى يېقىندا ئۆرلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكىنىڭ قەرز پايدا نىسبىتى ئاز نىسبەتتە تۆۋەنلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ نىسبىتى ئالتە ئايدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشتى. ياۋرۇنىڭ نىسبىتى بولسا، گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىلنىڭ «ياۋرۇنىڭ كۈچسىزلىكى»نى قاتتىق ئەيىپلىشى بىلەن بارا-بارا ئۆسۈشكە قاراپ ماڭدى.


ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.