ھىندىستاندا ئالتۇن - كۈمۈشنىڭ ئىمپورت مىقدارى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىنى ياراتتى

rabigul 2017-04-03 16:09:39

\

ئەڭ يىڭى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ھىندىستاننىڭ غەربىدىكى گۇجەرەت 2016 ۋە 2017 -مالىيە يىلىدا ئالتۇن ۋە كۈمۈش ئىمپورت مىقدارى تۆۋەنلەپ، يەتتە يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىنى ياراتتى.

ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى خەۋىرىگە قارىغاندا, ئالتۇن ئىمپورت مىقدارى 3-ئاينىڭ 31 -كۈنى ئاخىرلاشقاندا، ئالدىنقى مالىيە يىلىدىكىدىن %25.6 تۆۋەنلەپ كەتكەن. ئىمپورت مال مىقدارى 62.33 توننا بولغان بۇلۇپ، بۇلتۇر بولسا 83.86 توننا بولغان.

كۈمۈش ئىمپورت مىقدارى تېخىمۇ زور ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان بۇلۇپ ، %69.8 دىن %36.19 گە تۆۋەنلەپ كەتكەن.

Manek Chowk ئالتۇن سودىگەرلىرى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى Piyush Bhansali مۇنداق دېدى، « ئۈنچە مەرۋايىت سودىگەرلىرى ئىش تاشلاپ، ھۆكۈمەتكە قارشى %1 ئالتۇننى قايتۇرۇپ كېلىش قارارىنى قىلغان ئېككى ئايدىن بۇيان ، ئالتۇننىڭ سېتىلىش مىقدارى يوق دىيەرلىك بولدى، شۇ سەۋەپتىن ئالتۇننىڭ سودىسىمۇ ئەڭ ناچار ھالەتكە چۈشۈپ قالدى».

ھىندىستان 2016-يىلى3-ئاينىڭ 2- كۈنى 300 دىن ئارتۇن ئۈنچە مەرۋايىت سودىگەرلىرى جەمئىيىتى ئىش تاشلاپ، 42 كۈندىن ئارتۇق دۇكان تاقىدى،

مۇشۇ ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئۈنچە مەرۋايىت سودىگەر جەمئىيىتى ھۆكۈمەتكە قارشى % 1غەيرىي ئالتۇن كۈمۈش ئىستىمال بېجى ئېلىش تەكلىپىنى قويدى.

لېكىن ئاكىتىپ تەرىپى شۇكى، ھىندىستاننىڭ 2017-يىلى 3-ئايلىق ئالتۇن ئىمپورت قىلىنىشىدا ياخشىلىنىش بولدى. بۇ يەنە مالىيە يىلنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر ئاي بۇلۇپ، سېلىشتۇرما ئۆسۈش نىسبىتى % 12.8 ئاشتى .



ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.