تىرامپنىڭ ۋەزىپىگە ئورۇنلىشىش نۇتىقىنىڭ ئاساسىي نۇقتىسى

gulbostan 2017-01-24 11:03:56

\

FX168 ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى ئىلكان تورى تەرجىمىسى: 20-يانۋارئۆتكۈزۈلگەن قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىدىن كىيىن، تىرامپ رەسمىي ھالدا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولدى. بۇ گەرچە ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىنى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدۈرگەن بولسىمۇ، لىكىن بازار يەنىلا تىرامپنىڭ ھەقىقىي زۇڭتۇڭلۇق سالاھىيىتى بىلەن تۇنجى نۇتىقىنى سۆزلىشىگە بولغان كۈچلۈك تەقەززاسىنى ئپادىلىدى. ۋەزپىگە ئولتۇرۇش نۇتىقى سۆزلەنگەندىن تارتىپ تاكى نۇتۇق ئاخىرلاشقىچە ئامېرىكا پايچېكىنىڭ دەسلەپكى ئەكىس تەسىرىدىن قارىغاندا، مەبلەغ سالغۇچىلار ئانچە ئاسان «ئېتراپ» قىلماسلىقتەك پوزىتسىيەسىنى ئىپادىلىدى.
بۇ قېتىملىق نۇتۇقتا ئاساسلىقى ئىشقا ئورۇنلىشىش، سودا، دۆلەت بىخەتەرلىكى، كۆچمەنلەر قاتارلىق ھالقىلىق مەسلىلەر تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، تىرامپ ئامېرىكا ۋە ئامېرىكىلىقلارنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ يەنە مەركىزى ھۆكۈمەتكە زەربە بېرىپ، خەلقنىڭ ھوقۇقىنى قايتۇرۇپ بېرىشكە مۇراجىئەت قىلغان. بۇ قېتىمىلق نۇتۇقتا تىرامپ «ئامېرىكا بىرىنچى»، «ئامېرىكا مېلىنى سېتىۋىلىپ، ئامېرىكىلىقلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» دېگەن سۆزنى خېلى كۆپ قېتىم تەكرارلىغان.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.