دۇنيانىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى يەنە جىددىيلىشىپ ئالتۇن باھاسى ئۆرلىدى

gulbostan 2017-05-22 12:03:42

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: ئاسىيا بازىرىدىكى خەلقئارا نەق ئالتۇن سودىسىدا دۈشەنبە كۈنى (5-ئاينىڭ 22-كۈنى) ئالتۇننىڭ باھاسى ئۆرلىدى، ئەڭ يۇقىرى باھا 1257.95 دوللار\ئۇنسىيە بولدى، ئەمما تۆنۈگۈن چاۋشىيەن يەنە بىر قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەنلىكتىن ئارالنىڭ ۋەزىيىتى يەنىمۇ جىددىيلەشتى. ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ «رۇسيە بىلەن بولغان ئالاقىسى» توغرىسىدىكى سىياسىي بوران-چاپقۇندىن كېيىن، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كۆرسەتكۈچى چۈشتى، ئالتۇن باھاسى شۇ ھەپتە %2 ئۆرلىدى، ھەمدە بەش ھەپتىدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ئۆسۈش نىسبىتىنى ياراتتى. بۇ ھەپتىدىكى بازار دۇچ كەلگەن ئىككى چوڭ خىيىم-خەتەر بولسا، بىرى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى يىغىنىنىڭ مۇھىم خاتىرىسى، يەنە بىرى، فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) نىڭ باشلىقى كومىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى.بولۇپ، بۇلار ئامېرىكىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلىشى مۇمكىن.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.