ئالتۇن باھاسى1200دوللاردا تىرەش كۈچىگە ئۇچرايدۇ

zumrat 2017-05-10 17:01:40

\


خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى ياۋروپا سودا بازىرى ۋاقتىدا تېز سۈرئەتتە يۇقىرى ئۆرلەپ 1225دوللار ئەتراپىغا چىققان، ئامېرىكا زايوم پايدا نىسبىتى چۈشۈشكە قاراپ يۈزلىنىپ، دوللار كۆرسەتكۈچكە بېسىم ئېلىپ كەلگەن، شۇنىڭ بىلەن ئالتۇن باھاسى كىچىك دائىرىدە ئۆسۈش ھالىتىنى كۆرسەتكەن. سەيشەنبە كۈنى شۋېتسارىيە بانكىسى ئېلان قىلغان كۆز قارىشىدا، جۇڭگو ۋە ھىندىستان ماددىي بۇيۇم ئالتۇن ئېھتىياجى ئېشىشى سەۋەبىدىن، ئالتۇن باھاسى1200دوللاردا تىرەش كۈچىگە ئۇچرايدۇ دەپ مۆلچەرلىگەن.

جەنۇبىي ئافرىقىدىكى3-چوڭ ئالتۇن ئىشلەپچىقىرىش ئورنىHarmony Goldنىڭ باش ئىجراچىسى Peter Steenkampسەيشەنبە كۈنى كۆرسەتمە بېرىپ، 3-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە بولغان 9 ئاي ئىچىدە، پەسىل بويىچە قارىغاندا ئالتۇن ئىشلەپ چىقىرىش مىقدارى يەتتە پىرسەنت پوئېنتى تۆۋەنلىدى، ئاساسلىقى 12 _ ئايدا دەم ئېلىش كۈنىدىن كېيىنكى ئىشلەپچىقىرىش ئاستا بولغانلىقى تەسىر كۆرسەتكەن. نىشانلانغان يىللىق ئالتۇن ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 1 مىليون 50 مىڭ ئۇنسىيە بولۇپ، بۇ يىلدىن ھازىرغىچە ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 812 مىڭ ئۇنسىيە بولغان، نەق ئالتۇن تىجارەت تەننەرخى 960دوللىرى/ئۇنسىيە.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، باشقا تور بەتلەرنىڭ كۆچۈرۈشىگە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ، ئەگەر بايقىلىپ قالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.