دۇنيا بانكىسى: ئالتۇن باھاسى 2017-يىلى %2 چۈشىدۇ

gulbostan 2017-04-27 17:05:16

\


دۇنيا بانكىسى ئېلان قىلغان 4-ئايلىق مىقدارلاشقان تاۋار بازىرىغا نەزەر سېلىش دوكىلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومېتىتىنىڭ داۋاملىق ئۆسۈم ئۆستۈرىشى ھەم خەۋپتىن دالدىلىنىپ سېتىۋېلىش ئېھتىياجىنىڭ ئاجىزلىشىشىغا ئەگىشىپ، مۆلچەردە ئالتۇن باھاسى بۇ يىل %2 چۈشىدىكەن.

دۇنيا بانكىسى 2017-يىلى ئالتۇن باھاسى 1225 دوللار\ئۇنسىيە بولىدۇ، 2018-يىلى ئالتۇن باھاسى 1206 دوللار\ئۇنسىيەگە تۆۋەنلەيدۇ، 2019-يىلى ۋە 2020-يىلى ئايرىم-ئايرىم ھەر ئۇنسىيەسى 1187 دوللار ۋە 1169 دوللارغا چۈشىدۇ، دەپ مۆلچەرلىگەن. 2030-يىلىغا بارغاندا، دۇنيا بانكىسىنىڭ مۆلچەردە ئالتۇن باھاسى 1000 دوللار بولىدىكەن.

بۇ دوكىلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئالتۇننىڭ ئۆسۈش خەۋىپى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىۋاتقان جۇغراپىيەلىك سىياسىي خەۋپ، مۆلچەردىكىدىن كۈچلۈك بولغان جۇڭگونىڭ سېتىۋېلىش ئېھتىياجى، مەركىزى بانكىنىڭ ئۆسۈم ئۆستۈرۈشنى كېچىكتۈرىشى ھەم كان مەھسۇلاتى ئېھتىياجىنىڭ كەمچىل بولۇشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

چۈشۈش خەۋىپى ئىقتىسادى ئېشىشنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك بولىشى، ئامېرىكىنىڭ ئۆسۈم ئۆستۈرىشىنىڭ مۆلچەردىكىدىن تېز بولىشى ھەم رىئال ئالتۇن ئېھتىياجىنىڭ ئاجىزلىشىشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

دۇنيا بانكىسى ئالتۇن باھاسىنىڭ 2017-يىلى 1-پەسىلدىكى تەۋرىنىشى ئادەمنى ئەنسىرىتىدۇ دەپ كۆرسەتكەن.

ئالدىنقى يىلى 12-ئايدا ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومېتىتى ئۆسۈم ئۆستۈرگەندىن كېيىن، ئالتۇن باھاسى يۈزلىنىشى جان تالاشتى، ئەمما 2017-يىلى 1-پەسىلدە جۇغراپىيەلىك سىياسىي ۋە ئىقتىسادى جىددىي ۋەزىيەت سەۋەبىدىن قاڭقىشقا باشلىدى. دوكىلاتقا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومېتىتى 3-ئايدا قايتا ئۆسۈم ئۆستۈردى، ئالتۇن باھاسى يەنىلا ئۆسۈش يۈزلىنىشىنى ساقلاپ قالغان.

دۇنيا بانكىسى: كۆپلىگەن ئامىل مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ خەۋپتىن دالدىلىنىش كاپىتالى ئالتۇنغا يۈزلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، بولۇپمۇ ئاففانىستان، سۈرىيە ۋە چاۋشىيەننىڭ كۈنسىرى كەسكىنلىشىۋاتقان جۇغراپىيەلىك سىياسىي ۋەزىيىتى، ئامېرىكا-روسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ناچارلىشىشى ھەم ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ سايلام ۋاقتىدىكى نارودنىكىزىمنىڭ باش كۆتۈرىشى. بۇنىڭدىن سىرت پۇل پاخاللىقى، قىزىل رەقەم ھەم دوللار يۈزلىنىشىنىڭ ئېنىقسىزلىقىمۇ يەنىمۇ ئىلگىرلەپ ئالتۇن باھاسىنى ئۆستۈرىدۇ، دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن.

بۇ دوكىلاتتا يەنە رىئال ئالتۇن ئېتىياجى يەنىلا ئاجىز، بولۇپمۇ جۇڭگونىڭ بايرام مەزگىلىدە ئالتۇن زىبۇ-زىننەتكە قىزىقىشى تۆۋەنلىدى. يەنە بىر جەھەتتىن، تۆۋەن تەننەرخنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئالتۇن كېنىنىڭ تەمىنلىشىمۇ يەنىلا داۋاملىق ئېشىۋاتىدۇ، دەپ كۆرسەتكەن.

2016-يىلىدا، ئالتۇننىڭ ئەڭ چوڭ ئىشلەپچىقارغۇچىسى جۇڭگو بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 464 توننا بولغان، ئىككىنچىسى روسىيە، ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 288 توننا، ئاۋىستىرالىيەنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 285 توننا بولۇپ، ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرغان، ئامېرىكىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 236 توننا، كانادانىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 163 توننا بولغان.

ئەمما باشقا قىممەتلىك مىتالنىڭ ئىستىقبالىغا قارىتا تېخىمۇ ئۈمىدۋار بولغان، دۇنيا بانكىسى كۈمۈش ۋە پىلاتىنىي باھاسى %1 ئۆسىدۇ، دەپ مۆلچەرلىگەن، بۇنىڭ قىسمەن سەۋەبى سانائەت ئېھتىياجى كۈچلۈك ئىكەن.

ئەسكەرتىش:مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۆچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.