دۆلەت ئىچىدە ئالتۇن ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تەننەرخى قانچىلىك؟

xayida 2017-04-03 17:01:34

\



ئالتۇن كۆپلىگەن مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى، ئۇنداقتا ئالتۇن زادى قانداق ئىشلەپچىقىرىلىدۇ، تۆۋەندە بىز ئالتۇننىڭ ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنى چۈشىنىپ باقايلى.دۆلىتىمىزدىكى ئالتۇن زاپاس مىقدارى ئەڭ كۆپ ئالدىنقى ئون ئۆلكە: شەندۇڭ، گەنسۇ، جىياڭشى، خېنەن، ئىچكى موڭغۇل، يۈننەن، ئەنخۈي، خېيلۇڭجىياڭ، سىچۈەن، شەنشى. بۇ ئون ئۆلكە-رايوننىڭ ئالتۇن بايلىقى زاپىسى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئومۇمى زاپاس مىقدارىنىڭ %68.58 نى ئىگەللەيدۇ.

مەركىزى تېلۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرىنىڭ شەندۇڭدىكى بىر ئالتۇن كېنىدىكى زىيارىتىگە ئاساسلانغاندا، ئالتۇن ئىشلەپچىقىرىش ئاساسلىقى تۆت باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ.

بىرىنچى، يەرئاستى 200 مېتىردىن يەر ئاستى 1500 مېتىرغىچە بولغان ئورۇندىن رۇدا قېزىپ يەر يۈزىگە توشۇش

مەلۇم ئالتۇن كېنى كان باشلىقى ياردەمچىسىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، ئىلگىرى يەر ئاستى 200 مېتىرغا يەتمىگەن ئورۇندا رۇدا قېزىشتا ئاساسى جەھەتتىن ئادەم كۈچىگە تايانغان بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى ۋە ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى بىرقەدەر تۆۋەن بولغان، ھازىر كان قېزىش تېخنىكىسى ياخشىلىنىپ ماشىنىلىشىش ئەمەلگە ئاشقان بولسىمۇ، ئەمما كان رايونىنىڭ قازغانسىرى چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، نۆۋەتتە 1000 مېتىرغا يەتكەن، ئەكىسچە كان تەكشۈرۈش چوڭقۇرلىقى 1500 مېتىرغا يەتكەن، تېخىمۇ چوڭقۇرلىغاندا نەملىك ۋە تېمپىراتۇرا تېخىمۇ يۇقىرى، يەر بېسىمى زىيادە چوڭ بولغانلىقتىن پارتلاش پەيدا بولغان، شۇڭا كان قېزىش بارغانسىرى تەسلەشكەن.

ئىككىنچى، رۇدىدىن ساپ رۇدىغا ئايلاندۇرۇش

كاللەك-كاللەك رۇدىنى يەر يۈزىگە يۆتكەپ چىققاندىن كېيىن، پارچىلاپ كىچىك رۇدىغا ئايلاندۇرىدۇ، ئارقىدىن يەنە پىششىقلاپ ئىشلەيدۇ. كىچىك-كىچىك ئالتۇن رۇدىسى توختىماستىن توشۇش لىنىيەسى ئارقىلىق ئۇۋىتىش ماشىنىسىغا كىرىپ ئۇۋۇندىغا ئايلىنىدۇ، كېيىن لەيلىتىپ تاسقىلىپ، ھەر توننىسىدا 30 گرام ئەتىراپىدا ئالتۇن بار ساپ ئالتۇن رۇدىسىغا ئايلىنىدۇ.

ئۈچىنچى، ساپ ئالتۇن رۇدىسىدىن ئالتۇن لېيىغا ئۆزگىرىش

قۇرۇتۇلغاندىن كېيىنكى ساپ ئالتۇن رۇدىسى دەرھال پىششىقلاپ ئىشلەپ سېخىغا ئەۋەتىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. بىرىنچى قەدەمدە چىلاپ چىقىرىىش ئىدىشىغا سېلىنىدۇ، چىلاپ چىقىرىلغاندىن كېيىن يۇيۇلىدۇ، يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن سىنىك تەركىبى ئالماشتۇرۇلىدۇ، ئارقىدىن ئالتۇن لېيى ئىشلەپچىقىرىلىدۇ.

تۆتىنچى، ئالتۇن لېيىدىن كېسەك ئالتۇنغا ئۆزگىرىش

ئالتۇن لېيىدىكى ئالتۇن مىقدارى %70 ئەتىراپىدا، سىيانىدلاشتۇرۇپ تاۋلىغاندىن كېيىن، شەكىلى قېپىلقا چۈشمەيدىغان قاتتىق ئالتۇن پارچىسىغا ئايلىنىدۇ، بىراق بۇ ئالتۇن پارچىسىنىڭ ئالتۇن مىقدارى تەخمىنەن %99 ئەتىراپىدا بولىدۇ، يەنىلا يەنىمۇ ئىلگىرلەپ ساپلاشتۇرۇپ تاۋلاشقا مۇھتاج بولىدۇ. ساپلاشتۇرۇپ تاۋلانغان كېسەك ئالتۇننىڭ ئالتۇن مىقدارى %99.99 كە يېتىدۇ، يەنى شاڭخەي ئالتۇن سودا بازىرىدىكى سودا قىلىشقا بولىدىغان بىر كىلوگرام ئۆلچەملىك ئالتۇن، نۆۋەتتىكى بازار باھاسى بويىچە، ھەر گىرامى 275 يۈەن، يەنى شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بىر پارچە كېسەك ئالتۇننىڭ باھاسى 275 مىڭ يۈەن؛ تېخىمۇ چوڭراق ئالتۇن پارچىسىنىڭ ئېغىرلىقى 12.5 كىلوگرام، قىممىتى 3 مىليون يۈەن.

يۇقىرىدىكىسى دۆلەت ئىچىدە ئالتۇن ئىشلەپچىقىرىشنىڭ مۇھىم جەريانى، ئۇنداقتا ئالتۇننىڭ ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخى زادى قانچىلىك؟

مەلۇم ئالتۇن كاننىڭ كان ئېچىش تەننەرخىگە قارىتا، ھەممە كارخانىنىڭ ئىچكى قىسىمىدا مەخپىيەتلىك بولىدۇ ھەمدە سىرتقا قارىتا ئاشكارلىمايدۇ، ھەربىر ئالتۇن كاننىڭ قېزىش ئۇسۇلىنىڭ ئوخشىماسلىقى، يەر شەكىلىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن تەننەرخىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.

چەتئەلدە، ئاۋىستىرالىيە، كانادا، ئافرىقىدا ئاساسىي جەھەتتىن ھەر ئۇنسىيەسى 600 دوللاردىن ھەر ئۇنسىيەسى 1200 دولارغىچە، ئەمىلىيەتتە ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيىتقاندا تەخمىنەن ھەر ئۇنسىيەسى 1000 دوللار ئەتىراپىدا. يەنى ئالماشتۇرۇپ ھېسابلاپ كۆرسەك، ھازىرقى پېرۋوت نىسبىتى بويىچە ھېسابلىغاندا، بىر گرام ئالتۇننىڭ ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخى 240-250 يۈەن ئەتىراپىدا. دۆلەت ئىچىنىڭ ئالتۇن ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخى، ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيىتقاندا، تەخمىنەن 200 يۈەن ئەتىراپىدا.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.