ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنى قوللاش نىسبىتىنىڭ ئالتۇن باھاسىغا قانداق تەسىرى بار

gulbostan 2017-01-25 18:37:21

\

FX168 ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى ئىلكان تورى تەرجىمىسى: خۈيفىڭ بانكىسىنىڭ بىلدۈرىشىچە، تارىخقا نەزەر سالغاندا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنى قوللاش نىسبىتى بىلەن ئالتۇن باھاسى تەتۈر تاناسىپلىق مۇناسىۋەتتە بولىدىكەن.

تىرامپ 20-يانۋار قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇردى. خۈيفىڭ بانكىسىنىڭ بىر تۈرلۈك دوكىلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، مەملىكەت دائىرىسىدىكى خەلق ئەل رايىنى تەكشۈرۈشتىن تىرامپنىڭ ئامېرىكا تارىخىدىكى تۇنجى قارشى تۇرغۇچىلىرى قوللىغۇچىلىرىدىن كۆپ زۇڭتۇڭ بولۇپ قالغان.

دوكىلاتتا كۆرسىتىلىشىچە:« بىز بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى بىر نەچچە دوكىلاتتا ئالتۇن باھاسى بىلەن زۇڭتۇڭنى قوللاش نىسبىتى ئوتتۇرىسىدىكى تەتۇر تاناسىپلىق مۇناسىۋەت ھەققىدە توختالدۇق. ئەگەر تىرامپنى قوللاش نىسبىتى چۈشسە، ئۇنداقتا قارشىلىق نىسبتى ئاشىدۇ، ئالتۇن بۇنىڭ تەسىرىدە يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلەيدۇ».

بىلاڭ ئاكا-ئۇكا (BBH) كە ئاساسلانغاندا، بۇ ھەپتىلىك تۇنجى چۈشۈشتىن كىىين، 10 يىللىق ئامېرىكا زايوم پايدا نىسبىتى ئاشقان. قىممەت مېتاللارنىڭ يۆنىلىشى پايدا يۆنىلىشى بىلەن قارشى تەسىردە ئىكەنلىكى ئالتۇن سودىگىرى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.

بۇنىڭدىن باشقا پايدا نىسبىتى دوللارغا تەسىر قىلىدۇ، ھەم دوللار بىلەن ئالتۇنمۇ تەتۈر تاناسىپلىك مۇناسىۋەتتە. 10 يىللىق ئامېرىكا زايۇم پايدا نىسبىتى بۇ ھەپتە دۈشەنبە كۈنى %2.30 ئەتراپىدا تۆۋەنلىگەن.

چارشەنبە كۈنى ئاسىيا ئالتۇن بازىرى مۇقىم بولغان بولۇپ، ئالدىنقى كۈنى 2 ئايدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىدىن تۆۋەنلىگەن؛ ئالتۇن باھاسى دوللارنىڭ ئاجىزلىشى ۋە تىرامپ سىياسىتىنىڭ مۇقىمىزلىقىنىڭ تىرىشىگە ئېرىشكەن.

نەق مال ئالتۇننىڭ ھەر ئۇنسىيەسى 1.209.54 دوللار بولۇپ، سەيشەنبە كۈنى بۇلتۇر 11-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى بولغان 1219.59 دوللارلىق باھاغا چىققان.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

ئەسلى مەنبەنى چېكىپ ئىلكان تورىنى زىيارەت قىلىڭ.

ئەسلى مەنبە: ئىلكان ئىقتىساد تورى

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.