شىۋىتسارىيەنىڭ ئالتۇن ئېكىسپورتى ئەڭ يۇقىرى قىممەتكە يەتتى

gulbostan 2016-08-23 15:30:16

\

شىۋىتسارىيە فېدىراتسىيە تاموژنىسىنىڭ بۈگۈن ئەتگەن ئېلان قىلغان سانلىق ئۇچۇر دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 7-ئايدىكى شىۋىتسارىيەنىڭ ئالتۇن ئېكىسپورت مىقدارى 6-ئايدىكى 170.6توننىدىن 192توننىغا ئۆرلەپ، بۇلتۇر 12-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەنى يارىتىپ، ئۇمۇمىي ئېكىسپورت سوممىسى 79.5مىليۇن فىرانكقا يەتتى. كونكىرىت سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، شىۋىتسارىيەنىڭ 7-ئايدىكى ھىندىستانغا ئېكىسپورت قىلغان ئۇمۇمىي ئالتۇن زاپىسى 16.2توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى 6-ئايغا سېلىشتۇرغاندا 20.6توننا تۆۋەنلىگەن. جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىغا ئېكىسپورت قىلغان ئالتۇن زاپىسى 22.5توننا بولۇپ، بۇلتۇرق 6-ئايغا سېلىشتۇرغاندا 18.5توننا ئاشقان.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.