مارس زادى قانداق پىلانت؟

parida 2019-04-23 12:38:39

\


يېقىنقى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشچە، تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئالىملار مارستىن ئىبارەت بۇ پىلانت ئۈستىدە ئۈزۈلدۈرمەي تەتقىقات ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ قارىشىچەمارسنى ئۆلگەن پىلانت دېيىشكە بولىدىكەن.چۈنكى مارسنىڭ ئاتموسفېرا قاتلىمى، مارس يۈزىنىڭ گېئولوگىيەلىك ھەرىكىتى، يانار تاغ پائالىيىتى قاتارلىقلاردا كۆرۈنەرلىك تەسىر كۆرسىتىش جەھەتتە مۇقەررەر باغلىنىش بولمىغاچقا، مارس يۈزىدە يەر شارىدىكىدەك پارنىك ئېففىكتى ھادىسىسى يۈز بەرمەي قۇياشنىڭ چۈشكەن ئېنېرگىيەسى ئاساسەن ئالەم بوشلۇقىغا تاراپ كېتىدىغان بولغاچقا. بۇ دەل مارسنىڭ سوغۇق، قۇرغاق قۇملۇق سەييارىغا ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئىكەن. مارسنىڭ نېپىز ئاتموسفېرا قەۋىتىدە يەنە ئازون قاتلىمى بولمىغاچقا، مارستا قۇياشنىڭ كۈچلۈك رادىياتسىيەسىدىن قوغدىنىش قەۋىتى بولمايدىكەن، بۇخىل ئەھۋالدا تۇرۇش مۇمكىن بولمايلا قالماستىن، ھەتتا ئاتموسفىرادىكى ئازوت قاتلىمىنىڭ بولماسلىقى جانلىقلارنىڭ جېنىغا زامىن بولىدىكەن، شۇڭا مارسنى خەتەرلىك پىلانت دېيىشكە تامامەن بولدىكەن.

تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، مارس يۈزىدە سۇيۇق ھالەتتىكى سۇ بولمىغىنى بىلەن مارسنىڭ قۇتۇپ رايونلىرىدا مۇزلۇقلار بار بولۇپ، تەتقىقاتچىلار ھاياتلىق ئۈچۈن سۇنىڭ ئەڭ مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، مارستىكى مۇز قاتلىمىنى ئېرىتىش تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىنچكىلىك بىلەن ھېسابلىشىچە، ئەگەر مارسنىڭ قۇتۇپ رايونىدىكى مۇزلارنىڭ ھەممىسى ئېرىتىلسە، مارس يۈزى 11 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى دېڭىز بىلەن قاپلىنىدىكەن.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.