بىز بىرلىكتە كېۋەز تىرايلى

parida 2019-04-22 15:34:50

\


يېقىندىن بۇيان ھاۋا خېلى ياخشىى بولۇپ، ھاۋا بارغانسېرى ئىسىشقا باشلىغان ئىدى. 4-ئاينىڭ 6-كۈنى ئەتىگەندە كۇچا ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ چوڭشەھەر كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئەخمەت مەخمۇتنىڭ ئالتە باشلىق سېيالكىسىنى ماسلاشتۇرۇپ، كەنت ئاھالىسى توختەم مىجىتنىڭ كېۋىزىنى تېرىپ بەردى.

ئەخمەت مەخمۇت مۇنداق دېدى: چوڭشەھەر كەنتىدە كېۋەز ئېتىزى كۆپ بولسىمۇ، ئەمما ئېتىزلارنىڭ كۆلىمى چوڭ ئەمەس، چوڭ تىپتىكى ئادەمسىز ماشىنا ئارقىلىق تېرىشقا ماس كەلمەيدۇ، تېرىش سۈرئىتىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، مەن بۇ يىل يېڭى تىپتىكى ئالتە باشلىق كېۋەز سېيالكىسىنى سېتىۋېلىپ، كەنت ئاھالىلىرى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلدىم، بۇ سېيالكا بىلەن بىر قېتىمدا ئالتە قۇرغا ئۇرۇق سالغىلى بولىدۇ، قۇر ئارىلىقى بىلەن تۈپ ئارىلىقى مۇۋاپىق لايىھەلەنگەن، ئۇ بولسىلا، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كېۋەز تېرىشىدا ئاز كۈچ بىلەن كۆپ ئىش قىلغىلى بولىدۇ.

كېۋەز تېرىشتىن غەم قىلىپ تۇراتتىم، ئويلىمىغان يەردىن خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ماڭا ياردەم قىلىپ سېيالكا ئۇقۇشۇپ بەردى، مەن ۋە كېلىنىمنىڭ ئۆيىدىكىلىرىنىڭ 90 مو يېرىگە ئىككى كۈندىلا كېۋەز تېرىپ بولدۇق، بۇلتۇرقىغا قارىغاندا ئىشنى يېرىم ئاي بالدۇر تۈگەتتۇق، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرگە كۆپ رەھمەت» دېدى توختەم مىجىت خۇشال ھالدا.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.