ئادەمنىڭ مىجەزى تۇغما بولامدۇ ؟

parida 2019-04-19 13:06:38

يېقىنقى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتلاردا مەلۇم بولۇشچە، ئالىملار گېنى پۈتۈنلەي ئوخشاش بولغان 40

\


قوشكېزەك چاشقان ئۈستىدە تەجرىبە ئېلىپ بارغان بولۇپ، نەتىجىدە، چاشقانلار گەرچە ئوخشاش بىر خىل مۇھىتتا ياشىسىمۇ، مۇھىتقا قارىتا ئىزدىنىش ئەھۋالىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى سەۋەبىدىن مىجەز - خاراكتېرىنىڭمۇ ئوخشاش بولمايدىغانلىقىنى بايقىغان. گېنى ئوخشاش بولغان چاشقانلار ئويۇنچۇق ۋە ئەگرى تۇرۇبىلار قويۇلغان مۇرەككەپ مۇھىتتا ياشاش ئۇسۇلى سىناق قىلىنغان بولۇپ،تەتقىقاتچىلار ھەر بىر چاشقانغا سىگنال تارقىتالايدىغان ئۆزەك ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ھەرىكەت ئەھۋالى ۋە ئىزدىنىشى ئۈستىدە ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. ئۇلارنىڭ گېنى، ياشىغان مۇھىتى ئوخشاش بولسىمۇ، مۇھىتقا قارىتا ئىنكاسى ئوخشاش بولمىغان. ئۈچ ئايلىق تەجرىبە ئارقىلىق ئالىملار ئۇلاردا ئوخشاش بولمىغان مىجەز - خاراكتېرنىڭ يېتىلگەنلىكىنى بايقىغان. بەزىلىرى ناھايىتى جانلىق، پائالىيەتچان بولۇپ، تۇرمۇش مۇھىتىدىن توختىماستىن يېڭىلىق ئىزدىگەن، بەزىلىرى جىمىغۇرلىشىپ، تار مۇھىت شارائىتىدا ياشاشنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ۋە يېڭىلىققا ئىنتىلمىگەن. بۇنىڭدىن ئالىملار: مۇھىت ئادەمنىڭ مىجەز - خاراكتېرىگە زور تەسىر كۆرسىتىدۇ، دېگەن يەكۈننى چىقارغان.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.