ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىمتىھان تۈزۈملىرى، كورىيەنىڭ ئەڭ قورقۇنچلۇق

parida 2018-06-05 18:06:09

\

ھىندىستاندا ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئىككى قېتىملىق ئىمتىھان ئەڭ مۇھىم: بىرىنچىسى، 10-يىللىقنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىمتىھانى بولۇپ، ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئىمتىھانىغا باراۋەر؛ ئىككىنچىسى، 12-يىللىقنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىمتىھانى بولۇپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بىلەن باراۋەر. شۇ جاي ۋاقتى 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى، ھىندىستاننىڭ بىھار ئۆلكىسى ھاجپۇر رايونىدىكى بىر ئىمتىھان نۇقتىسىدا، كىشىلەر ئىمتىھان مەيدانىنىڭ سىرتىدىكى تامغا خۇددى ئۆمچۈكلەردەك يامىشىپ چىققان. ياماشقۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئىمتىھانغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە باشلىقلىرى بولۇپ، ئۇلار ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي بالىلىرىغا «كۆچۈرىدىغان ماتېرىيال» يەتكۈزۈپ بەرگەن، بەزىلىرى ھەتتا بىنانىڭ 4-قەۋىتىگىچە يامىشىپ چىققان. ھىندىستان دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 600 نەپەر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى 10-يىللىقنىڭ ئىمتىھانىدا كۆچۈرمىچىلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن مەكتەپتىن ھەيدەلگەن.

\

2016-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى، رۇسيە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى رۇسيە يېڭى سېبىرىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، شۇ كۈنى ئىمتىھان مەيدانىغا كىرىشتىن بۇرۇن ئوقۇغۇچىلار مېتال تەكشۈرۈش ئەسۋابى ئارقىلىق تەكشۈرۈلمەكتە.

\

كورىيە تاراتقۇلىرى كورىيەنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى «ئۆلۈم جازاسىدىنمۇ قورقۇنچلۇق» دەپ قارايدۇ. ئېگىلىنىشىچە، ئوقۇغۇچىلار بىر كۈندە تۆت پەندىن ئىمتىھان بېرىدىكەن، ئارقىدىن ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ قاتلاممۇ-قاتلام يۈزتۇرانە ئىمتىھانلىرىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن ئالىي مەكتەپكە قۇبۇل قىلىنىدىكەن. كورىيە 2017-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بىر تۇتاش باشلانغان بولۇپ، ئائىلە باشلىقلىرى مەيدان سىرتىدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ، يەرگە باش ئۇرۇپ بالىلىرىنىڭ ئىمتىھاندىن ئۆتۈشىنى تىلىمەكتە.

\

ياپونىيەنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان سۇئالى بىر مەھەل قېيىنلىشىش، تېمىدىن چەتنەش باسقۇچىنى بېسىپ ئۆتكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ياپونىيەمۇ ئەزەلدىن ئوقۇش تارىخىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدىغان دۆلەت بولغاچقا، بىر ئادەمنىڭ ئوقۇش تارىخى شۇ كىشىنىڭ تاللىغان كەسپىنىڭ ياخشى-يامانلىقى ۋە مائاشىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ دەپ قارايدۇ. 2018-يىللىق ياپونىيە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى شۇ جاي ۋاقتى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى باشلانغان بولۇپ، ياپونىيەنىڭ فۇشەن ناھىيىسىدىكى ئوقۇغۇچىلار قاتتىق يېغىۋاتقان قارغا قارىماي ئىمتىھانغا قاتناشتى.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.