«ئاي ئوردىسى 365» تەجىربىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى

parida 2018-05-16 15:54:27

\

يەرشارى تورى: شۇ جاي ۋاقتى 2018-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى، بېيجىڭ ئاۋىئاتسىيە ئۇنىۋېرستېتىنىڭ «ئاي ئوردىسى 1-نومۇر» تەجىربىخانىسىدا ئېلىپ بېرىلغان «ئاي ئوردىسى 365» تەجىربىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلىشىپ، يەنە بىر قېتىم ئىنسانلارنىڭ ھىم ياشاش دۇنيا رېكورتىنى يېڭىلىدى.
ئېگىلىنىشىچە، تەجىربە 2017-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى باشلانغان بولۇپ، تەخمىنەن 370 كۈن كەتكەن، دۇنيا بويىچە ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن، تۇيۇقلىشىش دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولغان جانلىقلار قايتا ھاياتلىققا كاپالەتلىك قىلىش سىستېمىسى تەجرىبىسى بولۇپ، تۇيۇقلىشىش دەرىجىسى بىلەن تېخىمۇ كۆپ تۈردىكى جانلىقلار يەنى ئادەم، ئۆسۈملۈك،ھايۋانات، مىكرو ئورگانىزىم قاتارلىقلاردىن تۈزۈلگەن سۈنئىي تۇيۇق ئېكولوگىيىلىك سىستېمىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك مۇقىم ئايلىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان، خادىملارنىڭ جىسمانىي ۋە پىسىخىكا ساغلاملىقىمۇ ئىزچىل ساقلانغان. تەجىربىگە قاتناشقۇچىلار جەمئىي 8 كىشى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بېيجىڭ ئاۋىئاتسىيە ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى. ئوقۇغۇچىلار ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ بۆلۈمچىگە كىرگەن. 1- قاراردىكىلەر 60 كۈنى ئىشلىگەن، 2-قاراردىكىلەر 200 كۈن ئىشلىگەن، 3-قاراردىكىلەر 110 كۈن ئىشلىگەن. 2-قارارنىڭ ئىشلەش ۋاقتى ئۇزۇنراق بولۇپ، ئۇلار رۇسيەنىڭ ئوخشاش سېستىمىدا 180 كۈنى تۇرۇش دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.