گېرمانىيەدە قىزىقارلىق دەرەخكە يامىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

parida 2018-05-15 17:24:50

\

يەرشارى تورى خەۋىرى: شۇ جاي ۋاقتى 2018-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى، گېرمانىيەنىڭ Bleckede شەھىرىدە 25-نۆۋەتلىك دەرەخكە يامىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى، 60 نەپەر ماھىر مۇسابىقىگە قاتناشتى.
يېڭى يىل بايرىمى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بىرخىل ئەنئەنىۋى بايرىمى ھېسابلىنىدۇ، يېڭى يىل كۈنى ھەرقايسى دۆلەت خەلىقلىرى ھەرخىل ئۇسۇللاردا يېڭى يىلنى تەبرىكلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا غەربتىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزىگە خاس ئۆرپ-ئادەت ۋە بايراملىرى بار، مەسىلەن مېكسىكىدا بايرامنىڭ «ئالدىنقى كۈنى كۈلمەسلىك» دەيدىغان غەلىتە بىرخىل ئۆرپ-ئادەت بار بولۇپ، بۇ كۈنى ھېچقانداق كىشىنىڭ كۈلۈشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
گېرمانىيەلىكلەر بايرامغا ناھايىتى ئېتىبار بېرىدۇ، ئۇلارنىڭ قارىشىچە، يېڭى يىلنى ياخشى ئۆتكۈزۈش ياكى ئۆتكۈزۈلمەسلىك كېيىنكى بەخت-تەلىيىنى بەلگىلەيدۇ. بايرام كۈنى كىشىلەر پانۇس يېقىپ، ساليۇت ئېتىپ «جىن-ئالۋاستىلارنى قوغلايدۇ»، كونا يىلنى ئۇزىتىپ، يېڭى يىلنى كۈتۈۋالىدۇ. گېرمانىيەنىڭ يېزىلىرىدا يەنە بىرخىل قىزىقارلىق «دەرەخكە يامىشىش مۇسابىقىسى» ئۆتكۈزۈلىدۇ، كىم دەرەخنىڭ ئەڭ چوققىسىغا يامىشىپ چىقالىسا شۇنىڭ ئامىتى كېلىدۇ دەپ قارىلىدۇ ھەمدە، مۇسابىقىدە چېمپيون بولغانلار «يېڭى يىلدىكى قەھرىمان» دىگەن شەرەپكە ئېرىشىپ باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولىدۇ.

\

\

\

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.