40 كۈنلۈك سۆھبەتتە شى جىنپىڭ بىلەن كىم جۇڭئېن زادى قايسى چوڭ ئىشلارنى مۇزاكىرە قىلدى؟

parida 2018-05-10 18:29:51

\

5-ئاينىڭ 7-، 8-كۈنلىرى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ بىلەن چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى، دۆلەت باشلىقى كىم جۇڭئېن دالىيەندە يەنە بىر قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزدى. بۇ قېتىمقى يىغىن بۇيىل 3-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇيان جۇڭگو-چاۋشيەن ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىقى سۆھبەت يىغىنى ھېسابلىنىدۇ. ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سۆھبەت يىغىنى چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ ۋەزىيىتى مۇرەككەپلىشىۋاتقان شارائىتتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇنداقتا 40 كۈندىن كۆپرەك داۋاملاشقان سۆھبەت يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئېن زادى قايسى چوڭ ئىشلارنى مۇزاكىرە قىلدى؟
1. ئەنئەنىۋى دوستلۇق: جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ پىشقەدەم رەھبەرلىرى كۆڭۈل قويۇپ يېتىشتۈرگەن ئورتاق بايلىقى ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگو ۋە چاۋشيەننىڭ نەچچە ئەۋلاد رەھبەرلىرى ئىزچىل يېقىن ئالاقىدە بولۇپ، خۇددى ئۇرۇغ-تۇغقانلارغا ئوخشاش دائىم باردى-كەلدى قىلىپ تۇرىدۇ. جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى-ئىككى دۆلەتنىڭ قىممەتلىك بايلىقى، دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىككى تەرەپنىڭ تەۋرەنمەس پىرىنسىپى، شۇنداقلا ئاقىلانە تاللىشى.
2. يېرىم ئارال ۋەزىيىتى: چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ ۋەزىيىتى نۆۋەتتە مۇرەككەپ ئۆزگىرىشچان ئەھۋالدا تۇرۇۋاتىدۇ، يېرىم ئارال مەسىلىسى خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقان ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، شى جىنپىڭ بىلەن كىم جۇڭئېن بۇ مەسىلە ئۈستىدە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ئارالنىڭ جەنۇب ۋە شىمال ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا ھەمدە يېرىم ئارال ۋەزىيىتىنى ياخشىلاشقا ئورتاق كۈچ چىقىرىشقا مۇراجىئەت قىلدى.
3. تەرەققىيات يولى: تىنچلىقنى قەدىرلەش، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزلىرى تاللىغان تەرەققىيات يولىغا ھۆرمەت قىلىش بولسا يولداش شى جىنپىڭ خەلقئارالىق نۇتۇقلىرىدا قايتا-قايتا تەكىتلىگەن مۇھىم ئۇقۇم، شۇنداقلا يەنە خەلقئارالىق مۇناسىۋەتتىكى ئاساسىي پىرىنسىپ ۋە دەۋىر تەرەققىياتىنىڭ زۆرۈر تەلىپى ھېسابلىنىدۇ. بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنىدا يولداش شى جىنپىڭ چاۋشيەننىڭ يېقىنقى مەزگىلدە چىقارغان بىرقاتار تەدبىرلىرىنى ماختىدى ھەمدە چاۋشيەننىڭ مۇھىم نۇقتىنى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئاخىرىدا ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئورتاق تونۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو-چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرىدىغانلىقى، ئىككى دۆلەت خەلقى ئۈچۈن بەخت يارىتىدىغانلىقى، ئۆز رايونىنىڭ تىنىچلىقى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.