تۇرمۇشتىكى ئەپچىل چارىلەر

parida 2018-04-17 18:20:47

\

1. چاچ قۇرۇتقۇچ يۈزىڭىزدىكى داغلارنى چىقىرىپ، چىرايىڭىزنى گۈزەللەشتۈرەلەيدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر ئېھتىمال چاچ قۇرۇتقۇچنىڭ ھۆل چاچنى قۇرۇتۇشتىن باشقا بىر تالاي رولى بارلىقىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن، ئۇنداقتا چاچ قۇرۇتقۇچتا يەنە باشقا نېمە ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ؟ مەسىلەن ئۆيىڭىزدە سۈنئىي بېزەك گۈللىرىڭىز بولسا، بىر مەزگىلدىن كېيىن ئۇلارنى چاڭ-توزانلار قاپلاپ كېتىدۇ، بۇ چاغدا سىز ئۇلارنى چاچ قۇرۇتقۇچتىلا پۈۋلىتىپ تازىلاپ يېپيېڭى قىلىۋېتەلەيسىز. يەنە مەسىلەن يۇيۇنۇپ بولغاندىن كېيىن مۇنچا ئىچىنى ھور قاپلاپ كېتىدۇ، ئەينەكمۇ ھورداپ كېتىپ، چىرايىڭىزنى كۆرەلمەي قالىسىز، بۇنداق چاغدا چاچ قۇرۇتقۇچتا چېچىڭىزنى قۇرۇتقاچ مۇنچىدىكى ۋە ئەينەكتىكى ھورلارنىمۇ بىر دەمدىلا تازىلىۋېتەلەيسىز. يەنە مەسىلەن يۈزىڭىزنى يۇغاندا چاچ قۇرۇتقۇچنى ئېلىپ، يىراقراق ئارىلىقتىن يۈزىڭىزگە توغرىلاپ پۈۋلەتسىڭىز، بۇ مەيىن شامالدا يۈزىڭىزدىكى تۈك تۆشۈكچىلىرى تولۇق ئېچىلىپ، يۈزىڭىزنى تەلتۆكۈس تازىلاپ پاكىزلاش مەقسىتىڭىزگە يېتەلەيسىز.
2. چىش پاستىسىدا توڭلاتقۇ ۋە توكلۇق تاماق كورىسىنى تازىلىغىلى بولىدۇ. ئەگەر ئۆيىڭىزدىكى توڭلاتقۇ ياكى توكلۇق تاماق كورىسى ئاق رەڭلىك بولسا، ئۇنداقتا ئۇزۇن ئۆتمەيلا بۇ ئۈسكۈنىلىرىڭىز سارغىيىپ كېتىشكە باشلايدۇ، بۇ چاغدا سىز ئۇلارنىڭ سارغىيىپ كەتكەن جايلىرىنى پاكىز يۇغاندىن كېيىن چىش پاستىسى سۈرۈپ قويسىڭىز شۇ ھامانلا ئاپئاق پارقىراپ، قايتىدىن يېپيېڭى بولۇپ كېتىدۇ.
3. ياستۇقىڭىزنىڭ ئۈستىگە يىپەك لۆڭگە قويۇپ قويۇپ ئۇخلىسىڭىز چاچ پاسونىڭىز بۇزۇلۇپ كەتمەيدۇ. بارلىق قىزلار ئادەمنىڭ بېشىنى قاتۇرىدىغان مۇنداق بىر ئورتاق مەسىلىگە دۇچ كېلىپ باققان بولۇشى مۇمكىن: نۇرغۇن پۇل ۋە ۋاقىت ئاجرىتىپ ھۆسن تۈزەش ئورنىغا بېرىپ چاچنى كۆڭۈلدىكىدەك ياسىتىپ كەلگەندىن كېيىن بىر ئۇخلاپ قوپساقلا چاچ پاسونىمىز ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ پۈتۈنلەي ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. يەنى سىز ئۇخلاشتىن بۇرۇن پەقەت بىر دانە يىپەك لۆڭگىنى ياستۇق لۆڭگىسى ئورنىدا قويۇۋالسىڭىزلا چاچ پاسونىڭىز ئۆزگىرىپ كەتمەي ئەسلىدىكى ھالىتىدە ئويغىنىسىز.
4. ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن سۈتتە ئۆي جاھازلىرىنى سۈرتۈشكە بولىدۇ. ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن سۈتنى ئەلۋەتتە ئىچكىلى بولمايدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر ۋاقتى ئۆتكەن سۈتنى ئېلىپ چىقىپلا تۆكۈۋېتىدۇ، ئەمەلىيەتتە سىز بۇ سۈتتە لۆڭگىنى ھۆلدەپ، تاماق ئۈستىلى ياكى پول دېگەندەك جايلارنى سۈرتسىڭىز، ھەر خىل مەينەت داغلارنى ناھايىتى تېزلا چىقىرىۋېتەلەيسىز.
5. سىيرىتما تولا كىيىمنى چىشلىۋالغاندا ياكى قىسىلىپ قالغاندا شام سۈركەپ قويسىڭىز ئوڭشىلىدۇ. كىيىم-كېچەكلەرنىڭ سىيرىتمىسى ئاسان سىيرىلمايدىغان بولۇپ قالسا ياكى تولا كىيىملەرنى چىشلىۋېلىپ قىسىلىپ قالسا ئۇنىڭمۇ ئامالى بار، سىز سىيرىتمىغا ئازراق شام سۈركەپ، ئاندىن قۇرۇق لاتىدا سۈرتىۋەتسىڭىز، سىيرىتمىڭىز شۇ ھامان يېنىكلەپ، راۋان سىيرىلىدىغان بولىدۇ.
6. كىيىم يۇغان سۇغا تۇز سېلىۋەتسىڭىز كىيىمنىڭ رەڭگى ئۆڭمەيدۇ. رەڭلىك ۋە گۈللۈك رەختتىن تىكىلگەن يېڭى سېتىۋالغان كىيىملىرىڭىزنى تۇنجى قېتىم يۇغاندا ئازراق تۇز سېلىپ 15 مىنۇت تۇرغۇزغاندىن كېيىن ئاندىن يۇسىڭىز كىيىمنىڭ رەڭگى ئۆڭۈپ كېتىشىدىن ساقلىنالايسىز.
7. سېغىز كەمپۈتتە تامغىلارنى پاكىز تازىلىۋەتكىلى بولىدۇ. سېغىزنى چايناپ بولغاندىن كېيىن تاشلىۋېتىشكە ئالدىرىماڭ، ئۇنىڭدا تامغىنى تازىلاپ پاك-پاكىزە قىلىۋەتكىلى بولىدۇ. سېغىزنى تامغىنىڭ يۈزىگە تەكشى چاپلىغاندا ئۇ تامغىنىڭ ئارىلىقلىرىغا كىرىۋالغان ھەر خىل مەينەت نەرسىلەر ۋە سۇرۇخ قالدۇقلىرىنى پۈتۈنلەي سۈمۈرىۋالىدۇ، ئاندىن سىز سېغىزنى ئېلىۋەتسىڭىزلا تامغىڭىز ھازىر زاۋۇتتىن چىققاندەك يېپيېڭى بولۇپ كېتىدۇ.
8. كالا گۆشىنى دۈملەپ پۇشۇرۇشتىن بۇرۇن ئۇن ئارىلاش سۇدا يۇيۇۋەتسىڭىز تېخىمۇ تەملىك بولىدۇ. توڭلىتىپ ساقلانغان كالا گۆشى قانداقلا بولمىسۇن يېڭى گۆش بولمىغاچقا، دۈملەپ پۇشۇرغاندا تەمى تازا مېزىلىك چىقمايدۇ. ئەمما سىز مۇنداق قىلىپ سىناپ بېقىڭ: كالا گۆشىنى ئۇن ئارىلاش سۇ (ياكى گۈرۈچ يۇغان سۇمۇ بولىدۇ)دا يۇيۇپ، ئاندىن سوغۇق سۇدا يۇغاندىن كېيىن قازانغا سېلىپ قورۇڭ ۋە مېزىلىك گۆش ھىدى تارقالغاندا قازانغا كۈنجۈت مېيى ۋە ناۋات (ياكى قۇم شېكەر) سېلىپ تاكى گۆش ئېزىلىپ پىشقۇچە قورۇڭ، بۇنداق قورۇلغان گۆشنىڭ تەمى يېڭى گۆشنىڭكىدىن قېلىشمىغۇدەك دەرىجىدە تاتلىق پىشىدۇ.
8. كالا گۆشىنى دۈملەپ پۇشۇرۇشتىن بۇرۇن ئۇن ئارىلاش سۇدا يۇيۇۋەتسىڭىز تېخىمۇ تەملىك بولىدۇ. توڭلىتىپ ساقلانغان كالا گۆشى قانداقلا بولمىسۇن يېڭى گۆش بولمىغاچقا، دۈملەپ پۇشۇرغاندا تەمى تازا مېزىلىك چىقمايدۇ. ئەمما سىز مۇنداق قىلىپ سىناپ بېقىڭ: كالا گۆشىنى ئۇن ئارىلاش سۇ (ياكى گۈرۈچ يۇغان سۇمۇ بولىدۇ)دا يۇيۇپ، ئاندىن سوغۇق سۇدا يۇغاندىن كېيىن قازانغا سېلىپ قورۇڭ ۋە مېزىلىك گۆش ھىدى تارقالغاندا قازانغا كۈنجۈت مېيى ۋە ناۋات (ياكى قۇم شېكەر) سېلىپ تاكى گۆش ئېزىلىپ پىشقۇچە قورۇڭ، بۇنداق قورۇلغان گۆشنىڭ تەمى يېڭى گۆشنىڭكىدىن قېلىشمىغۇدەك دەرىجىدە تاتلىق پىشىدۇ.
10. تەركىبىدە كالتىسىي بار يېمەكلىكلەرنى يېگەندە چاي ئىچىشكە بولمايدۇ. ئوكسالىك كىسلاتا (چۆپ كىسلاتاسى) ئاسانلا كالتىسىي ئېلىمېنتى بىلەن بىرىكىپ بەدەندە تاش ھاسىل قىلىدۇ، ۋاھالەنكى چاي تەركىبىدە چۆپ كىسلاتاسى بار، شۇڭا كۈندىلىك تۇرمۇشتا چاينى بەك قېنىق دەملەپ ئىچمەسلىك كېرەك، بولۇپمۇ كالتىسى مىقدارى مول يېمەكلىكلەرنى يېگەندىن كېيىن ھەرگىزمۇ دەرھاللا چاي ئىچىشكە بولمايدۇ.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە نۇر تورىدىن ئېلىندى

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.