ئائىلىدە سالامەتلىكنى تەكشۈرۈشتىكى يەتتە خىل ئەپچىل ئۇسۇل

parida 2018-04-16 17:39:41

\

ھەرقانداق كېسەل ئۈستىدىن غالىب كېلىشتە ۋاقىت بىلەن مۇسابىقىگە چۈشۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئەنگلىيە «پوچتا گېزىتى» بىر نەچچە خىل «60 سېكۇنتتا ساغلاملىقىنى ئۆزى تەكشۈرۈش ئۇسۇلى»نى خۇلاسىلەپ بىزنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىمىزنى تېز سۈرئەتتە تەكشۈرۈۋېلىشىمىزغا ياردەم قىلدى.
1. پۇتنى كۆتۈرۈپ قان تومۇرلارنىڭ توسۇلۇشىنى ئۆلچەش:
كىرىسلو ياكى كارىۋاتتا يېتىپ ئىككى پۇتنى كارىۋات ياكى كىرىسلو بىلەن 45 گىرادۇسلۇق بۇلۇڭ ھاسىل قىلىپ كۆتۈرۈش، بىر مىنۇت كۆتۈرۈپ تۇرغاندىن كېيىن چۈشۈرۈش، پۇتنى ساڭگىلىتىش. ناۋادا ئىككى پۇت ياكى بىر پۇت كۆتۈرۈلۈپ تۇرغاندا ئاقىرىپ كېتىپ، قويۇپ بىر نەچچە مىنۇتتىن كېيىن قىزىللىقى ئەسلىگە كەلسە ياكى ئىككى پۇتنى كۆتۈرگەندە قىزىرىپ كەتسە ئوخشاشلا ئارتېرىيە تومۇرى توسۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
تۆۋەنكى مۈچە ئارتېرىيەسى يۈرەك بىلەن قان تومۇرنىڭ «فىليۇگېر»ى بولۇپ، پۇتنىڭ كۆتۈرۈلۈشى ۋە چۈشۈشى ئارقىلىق قان تومۇرلارنىڭ توسۇلۇشى ۋە قويۇپ بېرىلگەن ۋاقىتتىكى ئىنكاس سۈرئىتىنى ئۆلچىگىلى بولىدۇ، مەلۇم جەھەتتە قان تومۇرلارنىڭ راۋانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. ناۋادا ئەسلىگە كېلىشى «ئاستا» بولسا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەپسىلىي تەكشۈرتۈش كېرەك. ئارتېرىيە قېتىش قان تومۇرلارنىڭ تارىيىشى، توسۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنداق ئەھۋالنى ئۆزگەرتىشكە تۆۋەندىكىدەك تۆت تەكلىپ بېرىمىز: ياغنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئازايتىش، تاماكا چەكمەسلىك، تاماكا چەككەن يەردە تۇرماسلىق، ھەر كۈنى ئاز دېگەندە 30 مىنۇت ھەرىكەت قىلىپ بېسىم ياكى جىددىي كەيپىياتنى پەسەيتىش.
2. قالقانسىمان بەز كېسىلىنى بىر پارچە ئاق قەغەز بىلەن تەكشۈرۈش
بىلەكنى تۈزلەپ، ئالىقاننى پەسكە قارىتىش، قولنىڭ ئۈستىگە A4 قەغەزدىن بىرنى قويۇش. ناۋادا A4 قەغەزنىڭ تىترىشى كۆرۈنەرلىك بولسا قالقانسىمان بەز كېسىلى بولۇشى مۇمكىن.
بۇ ئۇسۇل كىلىنىكىدا قالقانسىمان بەز كېسىلىنى تەكشۈرۈشتە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ئۇسۇللارنىڭ بىرى. قالقانسىمان بەز كېسىلىنى تەكشۈرۈشتە يەنە نامەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى ئورۇقلاش، ئىسسىقتىن قورقۇش، كۆپ تەرلەش، ئالدىراقسانلىق قىلىش، كۆز ئالمىسى پولتىيىپ چىقىش، بويۇن قىسقا مۇددەتتە توملىشىپ كېتىش قاتارلىق ئالامەتلەر بار، يوقلۇقىغا دىققەت قىلىش كېرەك. ناۋادا يۇقىرىقىدەك ئالامەتلەر بولسا ئەڭ ياخشىسى دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ، بالدۇر دىياگنوز قويدۇرۇپ، بالدۇر داۋالىتىش كېرەك. قالقانسىمان بەز كېسىلىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى پىسخىكىلىق بېسىم. شۇڭا كۆڭۈلنى ئازادە تۇتۇش ناھايىتى مۇھىم! بېسىمنى يەڭگىللىتى، ئۇيقۇغا كاپالەتلىك قىلغاندا بېسىمغا، كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرىلاتقىلى بولىدۇ.
3. ئىككى پۇتنى پالاق بىلەن ئۇرۇپ يۈرەك رېتىمىنى تەكشۈرۈش
ئولتۇرغان ياكى ئۆرە تۇرغان ھالەتتە تومۇر سوقۇشىنى تەكشۈرگەندە ئىككى پۇتقا يۈرەك رېتىمىغا ئەگىشىپ پالاق بىلەن ئۇرۇشنى بىر مىنۇت داۋاملاشتۇرۇش. ناۋادا بۇ ۋاقىتتا يۈرەك رېمىتى تەرتىپلىك بولسا مەسىلە چوڭ ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. ناۋادا رېتىمسىز بولسا دالانچە تىترەش كېسىلى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇنداق بىمارلارنىڭ سەكتە بولۇش خەتىرى يۇقىرىلايدۇ.
ئائىلىدە دالانچە تىترەيدىغان، تىترىمەيدىغانلىقىنى تەكشۈرۈشتە بۇ ئۇسۇل ناھايىتى ئاسان. ناۋادا بۇنىڭغا قوشۇلۇپ يەنە يۈرەك سېلىش، باش قېيىش، كۆكرەك قىسىمى ئاغرىش ياكى يەڭگىل جىسمانىي ھەرىكەت قىلغاندىن كېيىن نەپەس قىيىنلاشقانلىقىنى ھېس قىلغاندا ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ
ئېلېكتروكاردىئوگراممىدا تەكشۈرتۈش كېرەك. دالانچە تىترەشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل قان بېسىمى يۇقىرىلاپ كېتىش، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى بولۇپ قېلىشتىن ئېھتىيات قىلىش، يۈرەك ئەھۋالىنى كەيپىياتقا قاراپ ئۆزگىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
4. سائەت سىزىپ مېڭىنىڭ قېرىشىنى تەكشۈرۈش
ئاق قەغەزگە بىر سائەت سىزىپ تەرتىپ بويىچە سان يېزىش ھەم ئىستېرىلكىلارنى خالىغان ۋاقىتنى كۆرسىتىدىغان قىلىش. ناۋادا بۇ ۋاقىتتا ھەرقانداق خاتالىق ياكى قىيىنچىلىق كۆرۈلسە يەڭگىل دەرىجىدىكى بىلىش زەخمىسى بارلىقى ياكى قېرىلاردىكى دېۋەڭلىك كېسىلى باشلانغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
ھازىر بۇ ئۇسۇل دېۋەڭلىك كېسىلى بىمارلىرىنىڭ بىلىش فۇنكىسىيەسىنىڭ زەخمىگە ئۇچراش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشتە كەڭ ئىشلىتىلىۋاتىدۇ. نورمال ئادەملەرگە نىسبەتەن ئادەتتىكىچە بىلىنگەن ئىش دېۋەڭلىك كېسىلى بىمارلىرىغا قىيىن بولىدۇ. قېرىلاردىكى دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە يەنە ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى چېكىنىش، ئىنكاستى ئاستىلاش، نەرسىلىرى قالايمىقان بولۇش، كۆپ كوتۇلداش، گۇمانخور بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. شۇڭا ياشانغانلارغا سانلارنى ئەستە تۇتقۇزۇش، رەسىم تىرىش، شېئىر يادلىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق مېڭىسىنى مەشىقلەندۈرۈش، مۇۋاپىق مىقداردا جىسمانىي ھەرىكەت قىلدۇرۇش، مەسىلەن، تەيجى گۇمپىسى ئويناش، رادىيو گىمناستىكىسى ئويناش كېرەك.
5. ئىشىك رامكىسى ئارقىلىق كۆرۈش قۇۋۋىتىنى تەكشۈرۈش
ئالىقان بىلەن ئوڭ كۆزنى ئېتىپ تۇرۇپ سول كۆز بىلەن مەلۇم يىراقلىقتىكى ئىشىك رامكىسى ياكى دېرىزە رامكىسىنى كۆرۈش. ناۋادا تىك سىزىق ۋە گورزىنتال سىزىقلار ئېنىق كۆرۈنسە كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ بىرقەدەر ياخشىلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ؛ ناۋادا سىزىقلار ئەگرى-بۈگرى ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا كۆرۈنسە كۆزدە سېرىق داغ ئۆزگىرىشى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.
كۆرۈش تور پەردىسىدىكى سېرىق داغ ئاساسلىقى «نازۇك كۆرۈش سېزىمى»گە مەسئۇل بولۇپ، سېرىق داغ زەخمىلەنسە جىسىملار ئەگرى-بۈگرى، كۆز ئالدىدا قارا سايە باردەك كۆرۈنىدۇ، رەڭلەرگە بولغان سەزگۈرلۈك تۆۋەنلەيدۇ. سېرىق داغ ئۆزگىرىشى ئاسانلا ئەمالىققا سەۋەب بولىدۇ، قاتتىق دىققەت قىلىش كېرەك! 50 ياشتىن ئاشقانلارنىڭ ھەر يىلى بىر قېتىم كۆز تېگىنى تەكشۈرتۈپ تۇرۇشىنى، بولۇپمۇ دىيابىت، يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرىنىڭ تېلېۋىزور ۋە يانفونغا قاراش ۋاقتىنى ئازايتىش تەكلىپى بېرىمىز.
6. ئورۇندۇقنى ئايلىنىپ مېڭىش ئارقىلىق تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈش
ئۆيگە ئىككى ئورۇندۇق قويۇپ ئارىلىقىنى ئۈچ مېتىر قىلىش. بىر ئورۇندۇقتىن تۇرغاندىن كېيىن ئۈچ مېتىر مېڭىپ يەنە بىر ئورۇندۇقنى بىر ئايلىنىپ ئەسلىدىكى ئورۇنغا كېلىپ ئولتۇرۇش، بۇنىڭغا بىرەر ئادەمنى تەكلىپ قىلىپ ۋاقىت ھېسابلىتىش. ناۋادا سەرپ قىلغان ۋاقىت 10 سېكۇنت ياكى ئۇنىڭدىن ئاز بولسا ھەرىكەت ئىقتىدارى ۋە تەڭپۇڭلۇق ئىقتىدارنىڭ نورماللىقىنى چۈشەندۈرىدۇ؛ ناۋادا 20-13 سېكۇنت ئارىلىقىدا بولسا تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش ئىقتىدارى زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى، يىقىلىپ كېتىش خەتىرى يۇقىرىلايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ؛ سەرپ قىلغان ۋاقىت 20 سېكۇنتتىن كۆپ بولسا ئېغىر دەرىجىدىكى ھەرىكەت ئىقتىدارى توسالغۇسى بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
بۇ تەكشۈرۈش ئادەم بەدىنىنىڭ تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش، چاققانلىق، ماسلىشىش، كۈچ، سۈرئەت قاتارلىق ھەرىكەت ئىقتىدارلىرىنى ئۇنىۋېرسال ئەكس ئەتتۈرىدۇ. سۆڭەك ماددىسى تۆۋەنلىگەن ياكى سۆڭىكى شالاڭلاشقانلارنىڭ سۆڭىكى ئاسانلا سۇنۇپ كېتىدۇ. بىر پۇت بىلەن ئۆرە تۇرۇش، ئاستا يۈگۈرۈش، مېڭىش، مەيدان ئۇسسۇلى ئويناش، تەيجى گۇمپىسى ئويناش قاتارلىقلار ھەرىكەت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ياشانغانلارنىڭ يىقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق.
7. قوشۇقنى تىلغا ئېسىپ ئېغىز پۇراشنى تەكشۈرۈش
قوشۇقنى تىلنىڭ تۈۋىگە ئاسقاندىن كېيىن يېڭى ساقلاش ياپرىقى بىلەن ھىم ئېتىپ نۇر چۈشىدىغان يەرگە قويۇش، بىر مىنۇتتىن كېيىن خالتىنى ئېچىپ پۇرىغاندا غەيرىي پۇراق بولسا ئېغىز پۇرايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
نۆۋەتتە، ئېغىز پۇراش پۈتۈنلەي سۇبېيكتىپ تۇيغۇغا ئاساسەن ئۆلچىنىۋاتىدۇ. تىلنىڭ گەز باغلىشىغا ئاساسەن ئېغىز پۇرايدىغان، پۇرىمايدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىشنىڭ مەلۇم دەرىجىدە ئىلمىيلىكى بار. ئېغىر پۇراش كۆپىنچە چىش ئارىسى ۋە تىل گېزى، كاۋاكلاشقان چىش، چىش ئەتراپى كېسىلى ياكى ھەزىم قىلىش سىستېمىسى كېسىلى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، پۇرىقىغا چىدىغىلى بولمايدۇ. تاماقتىن كېيىن چىش چوتكىلاش، ئەتىگەن-كەچتە چىش چوتكىلاش، ھاراق-تاماكىنى تاشلاش، قەھۋەنى ئاز ئىچىش، يېرىم يىلدا بىر قېتىم چىش يۇيغۇزۇش، يىلدا بىر قېتىم ئېغىز بوشلۇقىنى تەكشۈرتۈش ئېغىز پۇراشتىن ساقلىنىشتىكى ئالدىنقى شەرت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە نۇر تورىدىن ئېلىندى

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.