شىنجاڭ ئىلكان مەبلەغ سېلىش باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتى 2018-يىلى 1-پەسىللىك خۇلاسە يىغىنى ئاچتى

parida 2018-04-13 19:05:54

\

2018-يىلى 4-ئاينىڭ 13-كۈنى شىنجاڭ ئىلكان مەبلەغ سېلىش باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتى 2018-يىلى 1-پەسىللىك خۇلاسە يىغىنى ئاچتى، شىركەت رەھبەرلىرى ھەمدە ھەرقايسى بۆلۈمدىكى بارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەر يىغىغا قاتناشتى.

\

ئالدى بىلەن قىممەتلىك مېتاللار سودا يىتەكچى گۇرۇپپىسى ۋە نېفىت سودا يىتەكچى گۇرۇپپىسىدىكى خىزمەتچى خادىملار 1-پەسىلدىكى خىزمەت ئەھۋالىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇدى ۋە 1-پەسىلدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنى خۇلاسىلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە كېيىنكى پەسىللىك خىزمەت نىشانىنى ئوتتۇرغا قويدى. ئارقىدىن P2P مەبلەغ سېلىش تۈرى ھەمدە زاكاس سودا تۈرىگە مەسئۇل خىزمەتچى خادىملار 1-پەسىلدىكى خىزمەت ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە كېيىنكى پەسىللىك خىزمەت نىشانىنى ئوتتۇرغا قويدى. ھەرقايسى گۇرۇپپىلارنىڭ 1-پەسىللىك خىزمەت خۇلاسىسى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، شىركەتنىڭ مەمۇرىي ئىشلار بۆلۈمى ھەرقايسى گۇرۇپپىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ 1-پەسىللىك خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدا ئۇنىۋېرسال باھالاش ئېلىپ باردى، نەتىجىسى ئالاھىدە ياخشى بولغان خىزمەتچى-خادىملار تەقدىرلەندى. ئەڭ ئاخىرىدا، شىركەت رەھبەرلىرى ھەرقايسى گۇرۇپپىلاردىكى خىزمەتچى-خادىملارنىڭ 1-پەسىلدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىرگە، بۇندىن كېيىنكى خىزمەت جەريانىدا ئۆزلىرىگە تېخىمۇ قاتتىق تەلەپ قويۇپ، كەسپىي ۋە ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، شىركەتنىڭ بۇندىكى كېيىنكى تەرەققىياتى، جۈملىدىن رايونىمىز ئىقتىساد ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشۇشقا رىغبەتلەندۈردى.

\

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.