دۇنيا بويىچە ئولتۇراقلىشىشقا ئەڭ ماس كېلىدىغان شەھەرلەر

parida 2018-03-22 14:30:44

\

ئامېرىكا دۇنيا مەسلىھەت بېرىش شىركىتى يېڭىدىن ئېلان قىلغان «دۇنيا بويىچە ئولتۇراقلىشىشقا ئەڭ ماس كېلىدىغان شەھەرلەر» تىزىملىكىدە ئاۋسترىيە پايتەختى ۋېينا داۋاملىق 1-ئورۇندا تۇردى. سۈرەتتە، ۋېينانىڭ سەھىرى. ئامېرىكا دۇنيا مەسلىھەت بېرىش شىركىتى دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرنىڭ خەلقئارالىق خىزمەتچىلىرىنىڭ مائاشى ۋە تولۇقلىمىسىنى بېكىتىشىگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن 231 شەھەرنى تەكشۈردى، تەكشۈرۈش ئۆلچىمى سىياسىي مۇقىملىق دەرىجىسى، داۋالىنىش، ساقلىقنى ساقلاش، مائارىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتى، كۆڭۈل ئېچىش ۋە قاتناش ئەسلىھەلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى.

\

2-ئورۇنغا شىۋېتسارىيەنىڭ سيۇرىخ شەھىرى، 3-ئورۇنغا يېڭى زېللاندىيەنىڭ ئوئاكلاند شەھىرى ۋە گېرمانىيەنىڭ ميۇنخىن شەھىرى تىزىلدى. دۇنيا بويىچە ئولتۇراقلىشىشقا ئەڭ ماس كېلىدىغان شەھەرلەر ئارىسىدا گېرمانىيە ۋە شىۋېتسارىيە شەھىرىدىن ئۈچتىن بار. ۋەنكۇۋېر 5-ئورۇنغا تىزىلىپ، شىمالىي ئامېرىكىدىكى ئولتۇراقلىشىشقا ئەڭ ماس كېلىدىغان شەھەر بولۇپ قالدى. ئاسىيا بويىچە ئولتۇراقلىشىشقا ئەڭ ماس كېلىدىغان شەھەر سىنگاپور 25-ئورۇنغا تىزىلدى، لاتىن ئامېرىكىسى بويىچە ئولتۇراقلىشىشقا ئەڭ ماس كېلىدىغان شەھەر مونتېۋىدېئو (ئورۇگۋاي پايتەختى) 77-ئورۇنغا تىزىلدى، ئافرىقا بويىچە ئولتۇراقلىشىشقا ئەڭ ماس كېلىدىغان شەھەر جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ دۇربان شەھىرى 89-ئورۇنغا تىزىلدى.

\

ئاسىيادىكى شەھەرلەر ئارىسىدا توكيو بىلەن كوبې 50-ئورۇنغا، يوكوخاما 55-ئورۇنغا، شياڭگاڭ 71-ئورۇنغا، كورېيە پايتەختى سېئول 79-ئورۇنغا، شاڭخەي 103-ئورۇنغا، بېيجىڭ 119-ئورۇنغا تىزىلدى.

\

رابات شەھىرى ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى ياشاشقا ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان 6 - شەھەر بولدى. مەسلىھەتچىلىك شىركىتى ئېلان قىلغان پۈتۈن يەرشارىدىكى شەھەرلەرنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى رەت تەرتىپىدە كۆرسىتىلىشىچە، ماراكەش پايتەختى رابات پۈتۈن يەر شارىدىكى 230 شەھەر ئىچىدە 116-ئورۇندا تۇرغان، ئەرەب دۆلەتلىرى ئىچىدە 6-ئورۇندا بولۇپ، دۇبەي (75-ئورۇندا)، ئابۇزابى (81-ئورۇندا)، مەسقات (107-ئورۇندا)، دوھا (110-ئورۇندا) ۋە تۇنىس شەھىرى (113-ئورۇندا) قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ ئارقىسىدا تۇرغان. كاسابلانكا رەت تەرتىپتە 126-ئورۇندا تۇرغان.

\

بۇ تۈرلۈك تەكشۈرۈش 39 خىل ئۆلچەم ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، سىياسىي مۇقىملىقى، جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتى، ئاساسىي ئەسلىھە سەۋىيەسى، بۇلغىنىش، سالامەتلىك ۋە كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرى قاتارلىق تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

\

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە نۇر تورىدىن ئېلىندى

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.