دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قىزىقارلىق ئۆرپ-ئادەتلەر (1)

parida 2018-03-21 18:20:25

\

يەرشارى تورى خەۋىرى: شۇ جاي ۋاقتى 2017-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ دەنۋېر شەھىرىدە يەرلىك پادىچىلار بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى، كەسپىي پادىچىلار تۈرلۈك ماھارەتلەرنى كۆرسەتتى.

\

شۇ جاي ۋاقتى 2017-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى، بۇلغارىيەنىڭ كرىۋىن كەنىتىدە، ئەنئەنىۋى «خوراز بايرىمى» ئۆتكۈزۈلدى. ئادەتتە بۇ بايرامدا قىز-ئاياللار ئەنئەنىۋى كىيىملەرنى كېيىشىپ، «ئىشتان كەيدۈرۈلگەن خوراز» نى كۆتۈرۈپ ئۇسۇل ئوينىشىدۇ.

\

شۇ جاي ۋاقتى 2017-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئىسپانىيەنىڭ Almonacid قەدىمىي بازىرىدا، يەرلىك كىشىلەر ئەنئەنىۋى «ئالۋاستى بايرىمى» ئۆتكۈزدى.

\

شۇ جاي ۋاقتى 2017-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى سىنگاپوردا، ھىندى دىنى مۇرتلىرى Thaipusam بايرىمىنى تەبرىكلىدى. بۇ بايرامدا ھىندى دىنى مۇرتلىرى ئىلمەك بىلەن دۈمبىسىنى ئىلمە-تۆشۈك قىلىدۇ.

\

شۇ جاي ۋاقتى 2017-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى، ھىندىستاننىڭ ماتۇرا بارسانا كەنتىدە «ئەرلەرنى كالتەكلەش» بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى. ئادەتتە بۇ بايرامدا ئاياللار قوللىرىغا بامبۇك كالتەك ئېلىپ ئەرلەرنى كالتەكلەيدۇ.

\

شۇ جاي ۋاقتى 2017-يىلى 4-ئاينىڭ 13-كۈنى، ھىندىستاندا ھىندى دىنى مۇخلىسلىرى كوچىغا يىغىلىپ، يۈزى ۋە بەدىنىگە رەڭ سۈرۈپ، تۈرلۈك شەكىلدىكى ئەنئەنىۋى تىلەك تىلەش مۇراسىملىرىنى ئۆتكۈزدى.

\

شۇ جاي ۋاقتى 2017-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى، بېلگىيەنىڭ مۇنىس شەھىرىدە، كىشىلەر «مۇنىس ئەجدىھا ئۆلتۈرۈش بايرىمى» نى تەبرىكلىدى. سۈرەتتە: كىشىلەر ئەجدىھانىڭ قۇيرۇقىغا سىموۋول قىلىنغان ئات يايىسىنى تالاشماقتا.

\

شۇ جاي ۋاقتى 2017-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى، مۇڭغۇلىيەنىڭ ئۇلانباتور شەھىرى، 2017-يىللىق نادام دىنىي مەدەنىيەت بايرىمى ئۇلانباتۇر مەركىزىي تەنتەربىيە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. «نادام يىغىلىشى»-مۇڭغۇل مىللىتىنىڭ تارىخىي ئەنئەنىۋى بايرىمى بولۇپ، مۇڭغۇل خەلقىنىڭ تۇرمۇشىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.