ياپونىيە ئاپتوموبىللىرىنىڭ جۇڭگودىكى سېتىلىش مىقدارى يېڭى رېكورت ياراتتى

parida 2018-03-15 16:20:44

\

ياپونىيە كيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ياپونىيەدىكى تۆت چوڭ ئاپتوموبىل كارخانىسىنىڭ 2017-يىلى جۇڭگودىكى ئاپتوموبىل سېتىش مىقدارى سانلىق مەلۇمات 9-يانۋار ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ تۆت شىركەت يېڭى رېكورت ياراتقان. تەھلىل قىلىنىشچە، بۇ شىركەتلەرنىڭ جۇڭگودىكى ئىقتىسادىي يۈزلىنىشى ياخشى بولغاندىن سىرت، كورېيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتى كورېيە ئاپتوموبىللىرىنىڭ سېتىلىشىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، ياپونىيە ئاپتوموبىللىرىنىڭ سېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
سېتىلىشى ئەڭ كۆپ بولغىنى نىسسان ئاپتوموبىلى بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %12.2 ئېشىپ، بىر مىليون 519 مىڭ 714كە يەتكەن. كىچىك تىپتىكى پىكاپ Sylphy ۋە سپورت تىپىدىكى ئىقتىدار ئاپتوموبىلى X-TRAIL سېتىلىشنى ئىلگىرى سۈرگەن.
خوندانىڭ سېتىلىش مىقدارى %15.5 ئاشقان بولۇپ، بىر مىليون 441 مىڭ 307گە يەتكەن. «سىۋىك» بىلەن «ئاككورد» قاتارلىق ئاساسلىق ئاپتوموبىل تىپىنىڭ سېتىلىشى ياخشى بولغان.
تويوتا ئاپتوموبىلچىلىقىنىڭ سېتىش مىقدارى بىر مىليون 290 مىڭ 100 دانىگە يەتكەن بولۇپ، %6.3 ئاشقان. «كوروللا» پىكاپى ياخشى سېتىلغاندىن باشقا، ئالىي دەرىجىلىك ئاپتوموبىل ماركىسى «لېكساس»نىڭ سېتىلىشىمۇ %21.7 ئاشقان. مازدانىڭ ئېشىش نىسبىتى %8.3كە يېتىپ 309 مىڭ 407 دانە ئاپتوموبىل سېتىلىپ، 290 مىڭلىق نىشان ئاشۇرۇپ ئورۇندالغان. ئاساسلىق پىكاپى «مازدا 6» سېتىش مىقدارىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرگەن.
ياپونىيە ئاپتوموبىللىرىنىڭ سېتىلىشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ياخشى بولۇش سەۋەبىگە كەلسەك، بېيجىڭ ئاپتوموبىل كەسپىدىكى كىشىلەرنىڭ قارىشىچە، «ئىستېمالچىلارنىڭ كورىيە ئاپتوموبىللىرىنى سېتىۋېلىشنى ئازايتىپ، ياپونىيە ئاپتوموبىللىرىنى سېتىۋېلىشقا يۈزلىنىشىمۇ ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرى» ھېسابلىنىدىكەن.
2018-يىللىق سېتىش مىقدارى مۆلچەرىگە كەلسەك، خوندانىڭ ئاممىۋى مۇناسىۋەت تارمىقىنىڭ ئېيتىشىچە، 2018-يىلىمۇ ئېشىش ھالىتىنى ساقلايدىغان بولۇپ، 2017-يىلىدىن ئېشىپ كېتىدىكەن. نىسسان شىركىتىنىڭ ئاممىۋى مۇناسىۋەت خادىمىمۇ ئېشىش ھالىتىنى ساقلايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە نۇر تورىدىن ئېلىندى

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.