گۈزەل«بۇلۇت دېڭىزى» مەنزىرىسى ساياھەتچىلەرنى جەلىپ قىلدى

parida 2018-03-12 17:41:33

\

يەرشارى تورى خەۋىرى: 3-ئاينىڭ 9-كۈنى سەھەردە، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ خۇاڭشەن مەنزىرە رايونىدا گۈزەل «بۇلۇت دېڭىزى» مەنزىرىسى شەكىللەندى. ئۈستىدىن قارىغاندا قۇيۇق بۇلۇتلار پۈتۈن مەنزىرىگاھنى قاپلىغان بولۇپ، چەكسىز كەتكەن «بۇلۇت دېڭىزى» نى ھاسىل قىلغان، قۇياش بۇلۇتلارنىڭ ئۈستىدىن كۆتۈرۈلگەندە ئەتراپ تېخىمۇ ھەيۋەتلىك تۈسكە كىرگەن. سۇغاق ھاۋارايى سەۋەبلىك ئالدىنقى كۈنى خۇاڭشەن مەنزىرىگاھىنى تۇمان قاپلىغان ئىدى، سەھەر سائەت 6:24 ئەتراپىدا ھاۋا ئېچىلىپ كۈن چىقتى، ئەتراپ قۇياش نۇرىدا ئالتۇن رەڭگە كىردى. خۇاڭشەنگە كەلگەن نۇرغۇن ساياھەتچىلەر بۇ گۈزەل مەنزىرىنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدى.

\

\

\


\


ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.