دۇنيادىكى ئون چوڭ مال سېتىۋېلىش جەننىتى

parida 2018-01-16 16:25:51

\

\

1. لوس ئانژېلېستىكى بېۋېرلي تېغى
بېۋېرلي تېغىدىكى نەپىس بويۇملار ئالىي دەرىجىلىك بولۇپلا قالماي، تۈرىمۇ ئىنتايىن كۆپ، مەسىلەن، Prada، Versace Gucci، Ferragamo قاتارلىق نۇرغۇن داڭلىق ماركىلار بار. بېۋېرلي تېغىدىكى نەپس بويۇملار دۇكىنى بىر قەدەر تارقاق جايلاشقان، روبېرستون (Roberston) كوچىسىدىكى Lisa Kline، Madison قاتارلىق دۇكانلار داڭلىق چولپانلار بېرىشقا ئامراق ئېسىل مەھسۇلاتلار دۇكىنى ھېسابلىنىدۇ.

\
\

2. پارىژ ـــ گىرىم بۇيۇملىرى، كىيىم-كېچەك دېگەندەك ئالىي دەرىجىلىك ئېسىل بويۇملار بار
فىرانسىيەنىڭ ماللىرىنىڭ تۈرى خىلمۇ-خىل بولۇپ، ھەقىقەتەن مال سېتىۋېلىش جەننىتى دېگەن نامغا لايىق كېلىدۇ. پارىژغا دۇنيادىكى نۇرغۇن قىممەتلىك بەدىئىي ئەسەرلەر توپلاشقان، دۇنيادىكى ئەڭ بۇرۇنقى تۈرلۈك ماللار ماگزىنىمۇ پارىژدا مەيدانغا كەلگەن. پارىژدا ئەڭ داڭلىق بولغىنى پارىژ مودا كىيىملىرى بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق كىيىم-كېچەك لايىھەلىگۈچىلىرى فىرانسىيەدە بازار تەسىس قىلغان. داڭلىق ماركىلىق كىيىم-كېچەكلەر، ئەتىردىن باشقا، پارىژدا يەنە نۇرغۇن ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى بار. فىرانسىيەنىڭ نۇرغۇن يېزىلىرىدا ھازىرغىچە ئەنئەنىۋى تېخنىكا قوللىنىپ قولدا ياسايدىغان ساپال بويۇم، نەپىس ئەينەك بۇيۇملىرى، گۈللۈك جىيەك توقۇش ۋە قەغەزچىلىك قاتارلىق كەسىپلەر ساقلىنىپ كەلگەن، بۇ يەرلىك تۈسكە تويۇنغان ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرىنى خاتىرە بۇيۇم ئورنىدا سېتىۋېلىشقا ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدۇ.

\

\

\

3. لوندون ـــ دۇنياغا داڭلىق لايىھەدىكى ئېسىل بويۇملار كۆپ
لوندوندىكى چوڭ-كىچىك بازارلارنىڭ سانى يوق، ئەڭ داڭلىق بولغان بازارلاردىن پورتوبېللو بازىرى (Portobello Market)، گرېنۋىچ بازىرى (Greenwich Market) ۋە كامدېن بازىرى (Camden Market) بار. ئادەتتە بازار تۆۋەن ئىستېمالدىكى ئەڭ ياخشى تاللاش ھېسابلىنىدۇ، تاۋارلارنىڭ تۈرلىرىمۇ ئىنتايىن كۆپ. ئۇنىڭدىن باشقا لوندوندا نۇرغۇن ئېسىل بويۇملار زەنجىرسىمان دۇكىنى بار، مەسىلەن، ئوكسفورد كوچىسىدىكى Self-riges سودا سارىيىغا نۇرغۇن داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلاتلار توپلاشقان، تولۇپ تاشقان ئىجادىي ئۇسلۇبتىكى كۆزنەك لايىھەسىنى بىر كۆرۈپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ.

\

\

4. نيويورك 5-كوچىسى ـــ ئېسىل بويۇملارنى سېتىۋالغىلى بولىدۇ
ئېسىل بويۇملارنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن چوقۇم 5-كوچىغا بېرىپ ئايلىنىپ كېلىش كېرەك. بۇ يەردە مال سېتىۋېلىشتا تاكتىكىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئەگەر ۋاقىت چەكلىك بولسا، Bergdorf Goodman دۇكىنىغا بېرىپ بىر قانچە خىل داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلاتلارنى كۆرگىلى بولىدۇ.

\

5. دانىيە كوپېنھاگېن ـــ ئەڭ يېڭى لايىھەدىكى مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالغىلى بولىدۇ
بۇ يەر مىلان ۋە پارىژ قاتارلىق جايلارنىڭ مودا كىيىم-كېچەكلەر مەركىزى دېگەن ئورنىغا جەڭ ئېلان قىلىۋاتىدۇ، بۇ يەرگە نۇرغۇن داڭلىق كىيىم- كېچەكلەر ۋە زىننەت بۇيۇملىرى توپلاشقان، ھەر يىلى لايىھە كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ، بۇ يىل پائالىيەت 8-ئاينىڭ 9-كۈنى باشلىنىپ، 12-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ.

\

\

6. ئارگېنتىنا بۇئېنوس ئايرېس ـــ ئەرەنچە كىيىم، خۇرۇمدىن ياسالغان بويۇملارنى سېتىۋالغىلى بولىدۇ
بۇئېنوس ئايرېس ئەرەنچە كىيىم-كېچەكلەر ۋە خۇرۇمدىن ياسالغان بويۇملارنى سېتىۋالىدىغان ياخشى جاي. ئايالچە كىيىم-كېچەكلەر Recoleta رايونىدا سېتىلىدۇ، ئەمما Palermo Soho رايونىنى ئايلانسا خەلقئارالىق داڭلىق ماركىدىن باشقا ئالاھىدە كىيىم-كېچەكلەرنى تاپقىلى بولىدۇ. كوچىدا بىر قىسىم ئېسىل بويۇملار دۇكىنى بار، كىچىك كوچىلاردىكى دۇكان تېخىمۇ قىزىقارلىق. چوڭ كوچىدىكى ئېسىل بويۇملار دۇكىنى، كىچىك كوچىدىكى دۇكانلارنى بىر ئايلىنىپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ.

\

7. توكيودىكى شىبۇيا ـــ گۆھەر ئىزدەش ئېكسپېدىتسىيەسىدىن ھۇزۇرلانغىلى بولىدۇ
شىبۇيادىكى توكيو ياككا دۇكىنى، Beams زەنجىرسىمان دۇكىنى ھەمدە شەخسى لايىھەلىگۈچى، داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلاتلار جايلاشقان پاركو (Parco) مال سېتىۋېلىش مەركىزىگە بېرىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز، بۇ يەرلەر گۆھەر ئىزدەش ئېكسپېدىتسىيەسى قىلىدىغان ياخشى جاي ھېسابلىنىدۇ. بۇ يەردىن كىيىم سېتىۋالغاندا رازمېرىغا دىققەت قىلىش كېرەك، L نومۇرلۇق كىيىم ئامېرىكىنىڭ S نومۇرلۇق كىيىمىگە تەڭ كېلىشى مۇمكىن .

\

\

8. باڭكوك ـــ زىننەت بۇيۇملىرى، قول ھۈنەر سەنئەت بۇيۇملىرى سېتىلىدۇ
مەيلى ئېسىل مەھسۇلاتلار دۇكىنى بولسۇن ياكى بازاردا بولسۇن ئادەمنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدىغان ئۇششاق زىننەت بۇيۇملىرى ، قول ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى ، ئۈنچە-مەرۋايىتلار ئۇچرايدۇ. Chatuchak نىڭ ھەپتە ئاخىرىدىكى بازاردا 9000 يايما ئورنى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بىرلا قېتىمدا قانغۇچە ئايلىنالايسىز . رايونىدىكى مال سېتىۋېلىش مەركىزىمۇ ئەڭ ياخشى تاللاش ھېسابلىنىدۇ، بۇ يەردە كىچىك تىپتىكى كىيىم-كېچەك دۇكانلىرى قەد كۆتۈرگەن، تاننىن ماركىلىق پادىچىلار ئىشتىنى دۇكىنى نەق مەيداندىلا تىكىپ تەييار قىلىپ بىرىدۇ.

\

\

\

9. ماراكەش ـــ باھا تالىشىش ماھارىتىڭىزنى نامايان قىلالايسىز
ماراكەش مەنزىرىسى خۇددى رەسىمگە ئوخشايدىغان گۈزەل دۆلەت، ئۇنىڭ «شىمالى ئافرىقا گۈللۈكى» دېگەن چىرايلىق نامى بار. ئىلگىرى ماراكەش كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن ساياھەت شەھىرى ئىدى. ماراكەشنىڭ ئۈستى ئوچۇق مەيدانىنىڭ كۆلىمى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. بازار خۇددى سىرلىق ئوردىغىلا ئوخشايدۇ، كىچىك كوچىلاردا كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى ، كىيىم-كېچەك، مېۋە-چېۋە، كۆكتات، پۇراقلىق بويۇملار، بېزەك بويۇملىرىدىن تارتىپ چىراغ ، ھەر خىل شەكىلدىكى ماگزىنلارغىچە ھەممىسى بار، مال سېتىۋېلىشنى ياقتۇرىدىغان كىشىلەرنىڭ جەننىتى دېيىشكە بولىدۇ.

\

\

10. سايىنت بارسېلېي ئارىلى ـــ پارىژنىڭ مەشھۇر ئەسەرلىرىنى سېتىۋالغىلى بولىدۇ
سايىنت بارسېلېي ئارىلى (Saint-Barthelemy) كارىب دېڭىزىدىكى كۆپلىگەن ئاراللارنىڭ ئىچىدىكى بىر ئارال بولۇپ، ئۆزگىچە فىرانسىيە ئۇسلۇبى ۋە ئارال شەكىللىك ئارام ئىلىش ئۇسلۇبى بىلەن داڭ چىقارغان. ئارالنىڭ ئۇزۇنلۇقى 13 كىلومېتىر بولۇپ، 20 نەچچە دېڭىز ساھىلى ۋە بىر قىسىم كىچىك دېڭىز قولتۇقى بار، شۇڭا دەم ئىلىش ئۈچۈن ساياھەتكە چىققان نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنىڭ ئۆزىگە جەلپ قىلغان، دۇكانلاردا دېڭىز ئوكيان ئۇسلۇبىدىكى كىيىم-كېچەكلەر، ئەنئەنىۋى خاتىرە بۇيۇملىرى سېتىلغاندىن باشقا، بۇ يەر فىرانسىيەگە تەۋە بولغاچقا، نۇرغۇن پارىژدىكى داڭلىق لايىھەلىگۈچىلەر لايىھەلىگەن ئالىي دەرىجىلىك كىيىم-كېچەكلەر ۋە ھەر خىل داڭلىق ماركىلىق ئېسىل بويۇملارنى سېتىۋالغىلى بولىدۇ.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە نۇر تورىدىن ئېلىندى

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.