ئۆلۈپ كەتكۈچىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭ بانكىدىكى پۇللىرىنى قانداق چىقىرىۋالىدۇ؟

parida 2018-01-10 18:15:22

\

ئىلگىرى پۇل ساقلاش ئۇسۇلى ئاددىي ئىدى، كۆپ قىسىم كىشىلەر پۇللىرىنى بانكىغا ئامانەت قويۇشقا ئادەتلەنگەنىدى. بىراق، ئىنتېرنېت پۇل-مۇئامىلىسىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ توردىن مالىيە باشقۇرۇش مەھسۇلات سېتىۋالىدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيدى، كىشىلەر ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتكەندىن كېيىن بانكا ھېسابات نومۇرى بىلەن مەخپىي نومۇرىنى ئۆزىدىن باشقا ئادەمگە ئېيتىپ بەرمەيدىغان بولدى. بىراق، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ ئادەم تۇيۇقسىز ئالەمدىن ئۆتسە بانكا ھېساباتىدىكى پۇللارنى قانداق قىلىش كېرەك؟ بۇ ئۇچۇرلارنى ئائىلە تاۋابىئاتلىرىمۇ بىلمىسە قانداق قىلىش كېرەك؟
«پۇل-مۇئامىلە 360»نىڭ مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئانالىزچىسى كۆپچىلىككە تولىمۇ قايغۇلۇق خەۋەردىن بىرنى يەتكۈزىدۇ: ئائىلە تاۋابىئاتلىرىڭىز ھېسابات نومۇرلىرىڭىزنى بىلمىسە ساقلىغان پۇلىڭىزنىڭ مەڭگۈ بېسىلىپ قېلىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى.
ئوخشاش بولمىغان ئەھۋالدا پۇل-مۇئامىلە مىراسلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. تۆۋەندە ھەرخىل ئەھۋاللارنى بىر تەرەپ قىلىشنى مىسال ئېلىپ چۈشەندۈرىمىز.

\

1. ھېسابات نومۇرى ۋە مەخپىي نومۇرلىرىنى بىلىش.
بۇ ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئەھۋال. ناۋادا پۇل بانكىدا ساقلانغان، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدا بانكا كارتىسى ۋە مەخپىي نومۇرى بولسا بانكىغا بېرىپ پۇلنى ئېلىۋالسىلا بولىدۇ؛ ناۋادا ئۇ ئادەم ئىنتېرنېت مالىيە باشقۇرۇش مەھسۇلاتى سېتىۋالغان بولسا ئائىلە تاۋابىئاتلىرى قايسى سۇپا ئىكەنلىكى ۋە مەخپىي نومۇرىنى بىلسە مەھسۇلات ۋاقتى توشقاندا پۇلنى بانكا كارتىسىغا چىقىرىۋالسىلا بولىدۇ.

\

2. بانكا كارتىسى بار، ئەمما مەخپىي نومۇرىنى بىلمەسلىك؛ توردىكى ھېسابات نومۇرى بار، بىراق، مەخپىي نومۇرىنى بىلمەسلىك.
ئائىلە تاۋابىئاتلىرى پۇللارنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن قايسى بانكىدا ساقلىنىدىغانلىقىنى بىلسە بانكىلارغا بىردىن-بىردىن بېرىپ سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ. ئەمما بانكا كارتىلىرىنىڭ مەخپىي نومۇرىنى بىلمىسە قانۇنلۇق ۋارىس بولۇش سۈپىتى بىلەن جامائەت گۇۋاھلىق ئورنىغا بېرىپ ۋارىسلىق ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى ئېلىشى كېرەك. ۋارىس پەقەت بىرلا بولسا بېجىرىش ئاسان. ئەمما كۆپ بولسا ئىش بېجىرگەندە ھەممىسى نەق مەيداندا بولۇشى كېرەك.
ئىلگىرى بانكىدا پۇلى بار، ئەمما بالىلىرى ئۇ يەر-بۇ يەردە تۇرىدىغان، بالىلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىر يەرگە يىغىش چىقىمى بانكىدا ساقلانغان پۇلنىڭ قىممىتىدىن ئېشىپ كېتىدىغان، شۇنىڭ بىلەن ۋارىسلىق قىلغۇچىلار ئامالسىز ۋاز كېچىدىغان ئەھۋاللار خېلى كۆپ يۈز بەرگەن.
ناۋادا ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ئۇ ئادەمنىڭ قايسى سۇپىلاردا پۇلى بارلىقىنى بىلسە، ئەمما مەخپىي نومۇرىنى بىلمىسە پۇلنى ئېلىش قىيىنغا توختايدۇ. ئادەتتە ئىنتېرنېت سۇپىسىدىكى ھېسابات نومۇرى ئۈچ خىل بولىدۇ: بىرى، ئەنگە ئالدۇرغاندا تولدۇرغان ھېسابات نومۇرى، بىرى كىملىك نومۇرى، يەنە بىرى ھېسابات نومۇرى. تىزىملاتقاندا مۇشۇ ئۈچىنىڭ قايسى بىرى بولسا بولىدۇ. ئىنتېرنېت سۇپىسىدىكى مەخپىي نومۇرنى ئۇنتۇپ قالغان بولسا ياكى بىلمىسە كىملىك ۋە يانفونى بولسىلا مەخپىي نومۇرنى قايتىدىن بېكىتىپ ھېسابات نومۇرىنى ئاچقاندىن كېيىن مالىيە باشقۇرۇش مەھسۇلاتىنىڭ قاچان ۋاقتى توشىدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىپ كېيىن پۇلنى چىقىرىۋالسا بولىدۇ.
ئىنتېرنېت سۇپىسىدىكى پۇلنى چىقىرىۋېلىشتا يەنە بىر خىل ئۇسۇل بار. بۇ ئۇسۇلدا ھەق تەلەپ دەۋاسى ئارقىلىق بۆلۈنىدىغان مىراسنىڭ مىقدارىنى بېكىتسە، يەنى ۋارىسلىق قىلغۇچىلاردىن بىرى باشقا ۋارىسلارنى ئەرز قىلىپ سوت مەھكىمىسىدىن ۋاپات بولغۇچىنىڭ مال-مۈلۈكىنى بۆلۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا، باشقا ۋارىسلار ۋارىسلىق ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشكە قوشۇلسا بۇ ئادەم بىردىنبىر ۋارىس بولۇپ جامائەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزسىلا بولىدۇ.

\


3. ۋارىسلار پۇلنىڭ قايسى بانكىدا ساقلانغانلىقى، قايسى ئىنتېرنېت سۇپىسىدىن مالىيە باشقۇرۇش مەھسۇلاتى سېتىۋېلىنغانلىقىنى بىلمەسلىك.
بۇ ئەھۋالدا سەل ئاۋارىچىلىق بولىدۇ. ئالدى بىلەن ۋارىسلىق قىلغۇچى پۇلنىڭ قايسى بانكىلاردا ساقلانغانلىقى قانچە بانكا كارتىسى بارلىقىنى ئېنىق بىلىشى كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، ۋارىسلىق قىلغۇچى يەنە شۇ جايدىكى ج خ ئورگىنىغا بېرىپ ئۆلۈپ كەتكەنلىك ئىپساتى، جامائەت گۇۋاھلىقى ئورنىغا بېرىپ ۋارىسلىق ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى چىقىرىشى، ئۇنىڭدىن كېيىن شۇ جايدىكى بىر نەچچە بانكىنىڭ باش بانكىسىغا بېرىپ سۈرۈشتۈرۈشى كېرەك. بۇ يەردە ئەستە تۇتۇشقا تېگىشلىكى خەلق بانكىسىغا ئەمەس، بەلكى ھەرقايسى بانكىلارنىڭ باش بانكىسىغا بېرىش. يۇقىرىدىكى باسقۇچىلار تاماملانغاندىن كېيىن ئۆلۈپ كەتكەنلىك ئىسپاتى بىلەن ۋارىسلىق ھوقۇقى گۇۋاھنامىسىنى ئېلىپ مۇناسىۋەتلىك بانكىغا بېرىپ پۇلنى چىقىرىۋالسا بولىدۇ.
ئىنتېرنېت سۇپىسىدىن مالىيە باشقۇرۇش مەھسۇلاتى سېتىۋېلىنغان بولسا ئالدى بىلەن ۋاپات بولغۇچىنىڭ يانفونىدا مالىيە باشقۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك قايسى يۇمشاق دېتاللار چۈشۈرۈلگەنلىكىنى تەكشۈرۈپ ئىچىدە پۇل بار-يوقلۇقىغا قاراش كېرەك. ئىنتېرنېت سۇپىسىدىكى ھېسابات نومۇرى بىلەن مەخپىي نومۇرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش يۇقىرىدا سۆزلىنىپ بولدى. بىراق، يانفوندا تەكشۈرگەندە ئالدى بىلەن يانفون مەخپىي نومۇرىنى بىلىشكە توغرا كېلىدۇ.

\

4. ھېچنېمىنى بىلمەسلىك.
بۇ ئەڭ چاتاق. بۇ ئەھۋالدا پۇلنىڭ قايسى بانكىلارغا قويۇلغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ، قولدا بانكا كارتىسىمۇ يوق، ئىنتېرنېت سۇپىسىدىن مالىيە باشقۇرۇش مەھسۇلاتى سېتىۋالغان-سېتىۋالمىغانلىقىدىنمۇ خەۋەرسىز. بۇ ۋاقىتتا بانكا ۋە ئىنتېرنېت سۇپىسىدىكىلەرنىڭ ئامانەت پۇلنىڭ ۋاقتى توشقاندا سىزنى ئاكتىپلىق بىلەن ئىزدەپ پۇلنى قايتۇرۇپ بېرىشىدىن ئۈمىد كۈتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
مۇشۇنداق ئەھۋاللارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بانكىغا قويۇلغان ياكى ئىنتېرنېت سۇپىسىدا ساقلانغان پۇللاردىن ئاز دېگەندە بىر تۇغقىنىنى بولسىمۇ خەۋەردار قىلىپ قويۇش كېرەك. ئەلۋەتتە، ناۋادا قارشى تەرەپكە ھېسابات نومۇرى ۋە مەخپىي نومۇرنى ئېيتىپ بېرىشنى خالىمىسا، ھېچبولمىغاندا پۇلنى قايسى بانكىغا قويغانلىقىڭىز، قايسى مالىيە باشقۇرۇش سۇپىلىرىنى ئىشلىتىدىغانلىقىڭىزنى دەپ قويۇشىڭىز كېرەك.
بۇنىڭدىن باشقا، ئۆزىگە تۇيۇقسىز بىر ئىش بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىر ۋەسىيەتنامە تەييارلاپ قويۇش، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلار، ۋارىسلىرى كۆپلەر بۇ نۇقتىنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇشى كېرەك.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە نۇر تورىدىن ئېلىندى

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.