ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە ھەيۋەتلىك قۇم بارخىنى بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى

parida 2018-01-09 14:22:25

\

»ياخۇ ئاخباراتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شۇ يەر ۋاقتى 2018-يىلى 2-يانۋار يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى مورىب قۇم بارخىنى بايرىمى (Moreeb Dune Festival) باشلانغان. توققۇز كۈن داۋاملىشىدىغان بۇ بايرامدا پارس قولتۇقىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ماھىرلار كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىدۇ، پائالىيەت جەريانىدا ئاپتوموبىل مۇسابىقىسى، دالا موتسىكلىتى مۇسابىقىسى، ئات ۋە تۆگە بەيگىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ. سۈرەتتىكى تۆگە باققۇچىلار تۆگە چاپتۇرۇش مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلماقتا.

\

گۈزەل لىۋا قۇملۇقى ئەبۇزەبى شەھىرىنىڭ غەربىگە تەخمىنەن 250 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا بولۇپ، بەزى قۇم بارخانلىرىنىڭ ئېگىزلىكى 300 مېتىردىن ئاشىدۇ، يانتولۇقى 50 گىرادۇس كېلىدۇ، ئادەتتىكى ئاپتوموبىل ۋە ۋېلسىپىت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدىغان مەيدانلاردىن زور دەرىجىدە پەرقلىنىدۇ.

\

سۈرەتتە بىر ساھىل ئاپتوموبىلى مۇسابىقىگە قاتنىشىۋاتىدۇ. دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز قۇم بارخانلىرى بار مورىب قۇملۇقىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ بايرامدا كىشىلەرنى ئەڭ جەلپ قىلىدىغىنى ھەرخىل تەۋەككۈلچىلىك مۇسابىقىلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ قۇملۇقنىڭ ئىسمىنىڭ ئەرەب تىلىدىكى مەنىسى «قورقۇنچلۇق تاغ«.

\

سۈرەتتە، چەۋەندازلار ساپ نەسىللىك ئەرەب ئېتى مىنىپ مۇسابىقىلەشمەكتە.

\

ساپ نەسىللىك ئەرەب ئېتى بەيگىسى ھەر قېتىملىق قۇم بارخىنى بايرىمىدىكى ئەڭ قارشى ئېلىنىدىغان مۇسابىقە تۈرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، چەۋەندازلارنىڭ قۇملۇقتا ئات چاپتۇرۇپ كېتىۋاتقان كۆرۈنۈشى ناھايىتى ھەيۋەتلىك.

\

مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان تۆگىلەر ھەرخىل بېزەپ قويۇلۇپ مۇسابىقىگە يېڭىچە تۈس قوشىدۇ.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە نۇر تورىدىن ئېلىندى

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.