بۇ ئايدىن باشلاپ ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجى %10 بويىچە ئېلىنىدۇ

parida 2018-01-04 18:10:09

\

2017-يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجىنى كېمەيتىش-كەچۈرۈم قىلىش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تەڭشەلدى. بۇنىڭ بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېڭىدىن كۆپەيگەن ئاپتوموبىللارنىڭ سانى 142346 بولۇپ، ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجىنى كېمەيتىش-كەچۈرۈم قىلىش سوممىسى بىر مىليارد 920 مىليۇن يۈەنگە يەتتى.
دۆلەت باج ئىشلىرى باش ئىدارىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئىلگىرىكى ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجى سىياسىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدىغان بولۇپ، %10 بويىچە ئاپتوموبىل سېتىۋىلىش بېجى ئېلىنىدۇ. گاز چىقىرىش مىقدارى 1.6 لېتىر ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن بولغان يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرىغا قارىتا يۈزگۈزۈلگەن ئېتىبار باج سىياسىتى ئاخىرلاشتۇرۇلىدۇ.
مۇخبىرنىڭ زىيارەت داۋامىدا ئېگىلىشىچە، 2017-يىلى ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجىنى كېمەيتىش-كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتى يولغا قويۇلغان ئەڭ ئاخىرقى بىر يىل بولۇپ، بۇ سىياسەت ئاپتوموبىل بازىرىدىكى سېتىلىش مىقدارىنى ئاشۇرغان، باجنىڭ ئىستىمالدىكى رولى جارى قىلدۇرۇلغان، ئىقتىسادنى تەڭشەش رولىنى ئوينىغان، شۇنداقلا ئىستىمالچىلارنىڭ باج يۈكىنى يېنىكلەتكەن. ئىستىمالچىلارنىڭ كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىللارنى سېتىۋېلىشى ئاپتوموبىل كەسپىي قۇرۇلمىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاپتوموبىل بازىرىنى جانلاندۇرۇپلا قالماي يەنە، شەھەرنىڭ ئىنېرگىيە تىجەش، بۇلغىمىنى ئازايتىش قۇرۇلۇشىغىمۇ پايدىلىق بولغان.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.