APEC تەشكىلاتى يىغىنىغا قاتناشقان دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ كېيىم-كېچىكىگە نەزەر

parida 2017-11-15 16:32:16

\

يەرشارى تورى ئاخبارات ئۇنىۋېرسال خەۋىرى: شۇ جاي ۋاقتى 2017-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى، ۋېيتنام Danang، كۆپ دۆلەت رەھبەرلىرى APEC (ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىق تەشكىلاتى) باشلىقلار يىغىنىنىڭ كەچلىك زىياپىتىگە قاتناشتى ھەمدە ئائىلىۋى سۈرەتكە چۈشتى. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ ۋە رۇسيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بۇ قېتىمقى ۋېيتنامنىڭ Danang دا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باشلىقلار يىغىنىدا رەسمىي ھالدا سۆھبەت ئۆتكۈزمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئوپچە سۈرەتكە چۈشۈش جەريانىدا قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى.

\

شۇ جاي ۋاقتى 2015-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى، فىلىپپىن مانىلادا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باشلىقلار يىغىنىدا، كۆپ دۆلەت رەھبەرلىرى فىلىپپىننىڭ ئەنئەنىۋى مىللىيچە كېيىمىنى كېيىپ ئوپچە سۈرەتكەن چۈشكەن ئىدى.

\

شۇ جاي ۋاقتى 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى، ھىندونېزىيەنىڭ بالى ئارىلىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باشلىقلار يىغىنىدا، ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى بالىنىڭ ئەنئەنىۋى تۇقۇلما كېيىمىنى كىيىپ سۈرەتكە چۈشكەن ئىدى.

\

2004-يىللىق ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باشلىقلار يىغىنى چىلىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى چىلىنىڭ مىللىيچە ئەنئەنىۋى كىيىمىنى كەيگەن بولۇپ، ئېگىلىنىشىچە، بۇ خىل ئەنئەنىۋى كېيىمنى ئاياللار ئۇدا تۆت ئاي ئىشلىسە ئاندىن پۈتتۈرەلەيدىكەن.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.