تۇرمۇشىڭىزغا پايدىلىق تۆت مەسلىھەت

parida 2017-11-13 18:02:33

\

1-مەسلىھەت:
مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاق ئىچىدىكى تاماق قالدۇقىنى يۇيۇش ئاسان بولمايۋاتامدۇ؟ داسقا سۇ قۇيۇپ، مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقنى ئەڭ يۇقىرى چاستوتىسىغا توغىرلاپ 3 مىنۇت قويۇڭ. سۇدىن چىققان بۇسنىڭ تەسىرىدە ئوچاقنى تازىلاش ئوڭايلىشىدۇ.
2-مەسلىھەت:
ساياھەت ياكى سەپەرگە ئاتلانغىنىڭىزدا چامادانغا كىيىملەرنى تاشلاپ سالسىڭىز پۈرلىشىپ قېلىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنى «تۈرمەل» شەكىلدە يۆگەپ قاچىلاڭ. شۇنداق بولغاندا كىيىملەرگە ئارتۇق دەزمال سېلىشقا ھاجەت قالمايدۇ.
3-مەسلىھەت:
بازار ياكى دۇكانغا بىر نەرسە ئېلىشقا بېرىشتىن بۇرۇن تاماقلىنىڭ، ھەمدە كېرەكلىك نەرسىلەر تىزىملىكى تۈزۈشنى ئۇنۇتماڭ. بۇ ھەر ئىككى ھالەت سىزنى زۆرۈر بولمىغان نەرسىلەرنى سېتىۋېلىشتىن ساقلاپ قالىدۇ.
4-مەسلىھەت:
بەزىدە بالىلىرىمىزنىڭ:«نېمىشقا؟ نېمە ئۈچۈن؟ قانداق قىلىپ؟» دېگەندەك سوئاللىرىدىن چارچايمىز ياكى جاۋاب تاپالماي قالىمىز. بۇ ئەھۋالدىن قۇتۇلۇشنىڭ ئاسان يولى:بۇنىڭغا ئۆزۈڭ قانداق قارايسەن؟ دەپ جاۋاب قايتۇرۇشتۇر.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە نۇر تورىدىن ئېلىندى


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.