رىم مالىيە كىرىزىسىغا پېتىپ قېلىپ تىلەك تەڭگىلىرى دۆلەت ئىختىيارىغا ئېلىندى

parida 2017-11-13 17:55:05

\


فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئىتالىيەنىڭ رىم شەھىرى مالىيە كىرىزىسىغا پېتىپ قالغان بولۇپ، كۆپ تەرەپلەر تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، يەنىلا قۇتۇلۇپ چىقالمىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىر ياخشى ئامالنى ئويلاپ تاپقان، يەنى مەنزىرە نۇقتىسى بولغان ترېۋى فونتانىدىكى تەڭگە پۇلنى «ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان».

\

ترېۋى فونتانى 300 يىل بۇرۇنقى بروك دەۋرىدە ياسالغان بولۇپ، رىۋايەت قىلىنىشچە بىر تال تەڭگە پۇلنى تاشلىسا ئۆزىگە تونۇش يەردە قايتا ساياھەت قىلارمىش، ئىككى تال تاشلىسا يېڭى رومانتىك مۇھەببەتكە يولۇقارمىش؛ ئۈچ تال تاشلىسا مۇكەممەل نىكاھقا ئېرىشەرمىش.

\

ھەر يىلى نەچچە مىليون ساياھەتچى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كېلىپ، بۇ جايغا تەڭگە پۇل تاشلايدۇ. NBCنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا 2016-يىلى تىلەك كۆلچىكىدىن سۈزۈۋېلىنغان تەڭگە پۇلنىڭ سوممىسى بىر مىليون 500 مىڭ ياۋرو (تەخمىنەن 11 مىليون 620 مىڭ يۈەن) بولغان بولۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە نەچچە مىڭ ياۋرو تەڭگە پۇل تاشلانغان.

\

بۇرۇن بۇ تەڭگە پۇللارنىڭ ھەممىسى خەير-ساخاۋەت كوللېكتىپى «خەلقئارا كارىتاس جەمئىيىتى»گە ئىئانە قىلىناتتى، بۇ تەشكىلات ئاساسلىقى نامراتلار ۋە يۇرت-ماكانى بولمىغانلارنى يېمەكلىك بىلەن تەمىنلەيدۇ. ھازىر رىم شەھەرلىك ھۆكۈمەت بۇ پۇلنى «دۆلەت ئىلكىگە ئۆتكۈزۈۋېلىپ»، شەھەر مەمۇرىيىتى ئىشلىرىغا ئىشلىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
بىر كەسپىي شىركەت فونتاننى تازىلاپ ئاسراشقا مەسئۇل بولۇپ، ھەپتىدە ئۈچ قېتىم كۆلچەكنى تازىلايدۇ، تازىلاش جەريانىنىڭ ئۆزىلا بىر مەنزىرە بولۇپ، نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىدۇ. خېلى بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا ھەر كۈنى ئوغرى، سەرگەردانلار فونتاندىن تەڭگە پۇللارنى سۈزۈۋالاتتى، رىم شەھىرى پارلامېنتى قانۇنىي پەرمان چىقىرىپ بۇ خىل قىلمىشنى قانۇنسىز دېگەندىن كېيىن، بۇنداق ئەھۋال قايتا كۆرۈلمىگەن.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە نۇر تورىدىن ئېلىندى

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.