2017-يىلى 5-ئاينىڭ23-كۈنىدىكى نېفىت سودا تەھلىلى

xayida 2017-05-23 11:10:59

\

ئاساسىي ئانالىز

دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا 6-ئايلىق WTI قەرەللىك نېفىت باھاسى 0.40دوللارئۆرلەپ ،50.73 دوللار/باك بولدى . برېنىت 7-ئايلىق قەرەللىك نېفىت باھاسى 0.26 دوللار ئۆرلەپ ،53.87 دوللار/باك بولدى . كۆپلىگەن نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنى چەكلەش كېلىشىم يۈرگۈزۈلۈش مۇددىتىنى 9 ئاي ئۇزارتىش پىلانىنى قوللايدىغانلىقى توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈردى ، بۇ ئەھۋال نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر OPEC تەشكىلات ئىچكى قىسمىدىكى ئىختىلاپنى ۋاقىتلىق تىزگىنلەپ ، نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى كېمەيتىش ھەرىكىتى ئۈچۈن ياخشى ئاساس سالدى ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دوللار باھاسى تۆۋەنلەپ يەنىلا نېفىت باھاسىغا ئۆسۈش بوشلۇقىنى ھازىرلاپ بەردى . ئامېرىكا WTI قەرەللىك نېفىت باھاسى يۇقىرى باھا 51.42 دوللار/باك بولدى ، برېنىت قەرەللىك نېفىت باھاسى يۇقىرى باھا 54.37 دوللار/باك بولدى .

مەشغۇلات باسقۇچى

1.دۈشەنبە كۈنى نېفىت باھاسىنىڭ بىر كۈنلۈك تەۋرىنىشى 51.43-50.75 دوللار ئارىلىقىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى ، تۈنۈگۈن بىز نېفىتنى ئاسىيا بازىرىدا كۈزۈتۈشنى ئاساس قىلدۇق ، ياۋرۇپا بازىرى ئېچىلغاندا نېفىتنى 51.2 -51 ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئالدۇق ، كەچلىك ئامېرىكا بازىرى ئېچىلغاندا بىز نېفىت چۈشۈش مېلىنىڭ زىيان نۇقتىسىنى 51.8-51.7 ئەتراپىغا چوڭراق قىلىپ تەڭشەپ قويۇپ ، چۈشۈش مالنى داۋاملىق ساقلاش ئەسكەرتىشنى بەرگەن ئىدۇق ، بۇ ئەسكەرتىشىمىز بۇيىچە نېفىت باھاسى 50.8 ئەتراپىغا تۆۋەنلەپ ، قولىمىزدىكى چۈشۈش ماللارنى 0.4 دوللار ئەتراپىدا بىرىنچى پايدا رايونىدا بىخەتەر قولدىن چىقىرىۋالدۇق .ھەم بىز ئالدىنقى جۈمە كۈنىدىكى 0.3 دوللار زىياننىڭ ئورنىنى تۈنۈگۈنكى ياخشى سودا پۇرسىتى ئارقىلىق تولۇقلىۋېلىش بىلەن بىرگە 0.1 دوللار ئارتۇق پايدىغا ئېرىشتۇق . ئومۇمەن تۈنۈگۈن نېفىت سودىسى تەھلىل ئىچىدە ئېلىپ بېرىلدى .

2بۈگۈن نېفىتنى سودا قىلغاندا يۇقىرى باھادىن چۈشۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلىمىز . قالغان تەپسىلىي سودا مەشغۇلاتى ھەر قايسى qq vip توپلىرىغا يوللىنىدۇ.

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار
50.5

مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ .
قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.