2017-يىلى 3-ئاينىڭ20-كۈنىدىكى نېفىت سودا تەھلىلى

xayida 2017-03-20 11:20:03

\

ئاساسىي ئانالىز

جۈمە كۈنى ئامېرىكا 4-ئايلىق WTI قەرەللىك نېفىت باھاسى 0.03 دوللار ئۆرلەپ ،48.78 دوللار/باك بولدى . برېنىت 5-ئايلىق قەرەللىك نېفىت باھاسى 0.02 دوللار ئۆرلەپ ،51.76 دوللار/باك بولدى . گەرچە ئامېرىكا نېفىت بۇرغىلاش سانى ئاشقان بولسىمۇ ، ئەمما ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئۆسۈم قوشۇشنى قارار قىلغاندىن كىيىن دوللار باھاسى تۆۋەنلەپ ، يەنىلا نېفىت باھاسىغا بەلگىلىك تىرەش ئېلىپ كەلدى ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا نېفىت بازىرى ئالدىن مۆلچەرلىشىچە ، نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى كېمەيتىش ھەرىكىتىنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىش ئەھۋالىدا يەنىلا ئۈمىد بار بولۇپ ، بۇ ئەھۋال يەنىلا نېفىت باھاسىنىڭ تۇراقلىق ھالەتتە ئۆسۈشىگە ياردەم قىلدى . ئامېرىكا WTI قەرەللىك نېفىت باھاسى يۇقىرى باھا 49.20 دوللار/ باك بولدى ، برېنىت قەرەللىك نېفىت باھاسى يۇقىرى باھا 52.17 دوللار/ باك بولدى .

مەشغۇلات باسقۇچى

1.جۈمە كۈنى نېفىتنىڭ بىر كۈنلۈك تەۋرىنىشى 49.20-48.60 دوللار ئارىلىقىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى ، جۈمە كۈنى بىز نېفىتنى ئاسىيا بازىرىدا ئۆسۈشكە ئېلىش ئۈچۈن 48.5-48.6 ئەتراپىدىكى باھالار مۇۋاپىق ، چۈشۈشكە ئېلىش ئۈچۈن 49.5-50 ئەتراپىدىكى باھالار مۇۋاپىق ، دىققەت قىلىدىغان توسالغۇ نۇقتىسى 49.5 ، دىققەت قىلىدىغان تىرەش نۇقتىسى 48.5 دىكى باھالار دەپ ئەسكەرتىش بەرگەن ئىدۇق ، مۇشۇ ئەسكەرتىش بۇيىچە بىز نېفىتنى ياۋرۇپا بازىرىدا 48.6-48.7 ئەتراپىدىكى باھالاردىن ئۆسۈشكە ئېلىپ ، كەچلىك ئامېرىكا بازىرى ئېچىلغاندا پايدىسىنى 49 ئەتراپىغىچە كۆردۇق ، بۇ سودا تەھلىلدىن 0.3 دوللار ئەتراپىدا پايدا كۆردۇق . ئومۇمەن سودا تەھلىل بۇيىچە ئېلىپ بېرىلدى .
2.بۈگۈن سودا قىلغاندا نېفىت باھاسى ئۆرلىگەندىن كېيىن چۈشۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلىمىز . قالغان تەپسىلىي سودا مەشغۇلاتى ھەر قايسى qq vip توپلىرىغا يوللىنىدۇ.

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار
49.50

مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ .

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.