2017-يىلى 3-ئاينىڭ17-كۈنىدىكى نېفىت سودا تەھلىلى

xayida 2017-03-17 11:05:04

\

ئاساسىي ئانالىز

پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا 4-ئايلىق WTI قەرەللىك نېفىت باھاسى 0.11 دوللار تۆۋەنلەپ ،48.75 دوللار/باك بولدى . برېنىت 5-ئايلىق قەرەللىك نېفىت باھاسى 0.07 دوللار تۆۋەنلەپ ،51.74 دوللار/باك بولدى . گەرچە چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئۆز قەرەلىدە ئۆسۈم قوشۇشنى قارار قىلغاندىن كىيىن ، ئامېرىكا دوللىرى سېتىش ئەمەلىيىتى بۇيىچە تۆۋەنلىدى ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرى تۆۋەنلەپ ، يەنىلا دوللار باھاسىنىڭ چۈشۈش بېسىمىنى كۈچەيتتى ، بۇ ئەھۋال نېفىت ئۆسۈش مېلىغا بەلگىلىك تىرەش ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ ، ئەمما ئامېرىكا زاپاس مىقدارى يەنىلا مۇقىم يۇقىرى ئورنىنى ساقلاپ ، تارىخىي يۇقىرى چەككە يېقىنلاشتى ، ئىسپاتلىنىشىچە ، نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى كېمەيتىش ھەرىكىتىنىڭ يۈرگۈزۈلۈش ئۈنۈمى چەكلىمىگە ئۇچراپ ، نېفىت باھاسىغا ئېلىپ كەلگەن تىرەكلىك رولى چەكلىك بولدى ، شۇ سەۋەبتىن نېفىت باھاسى ئازراق چۈشۈشتىن كىيىن ئۆرلەشكە قاراپ يۈزلەندى . ئامېرىكا WTI قەرەللىك نېفىت باھاسى تۆۋەن باھا 48.45 دوللار/ باك بولدى ، برېنىت قەرەللىك نېفىت باھاسى تۆۋەن باھا 51.50 دوللار/ باك بولدى .

مەشغۇلات باسقۇچى

1.پەيشەنبە كۈنى نېفىتنىڭ بىر كۈنلۈك تەۋرىنىشى 49.62-48.45 دوللار ئارىلىقىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى ، تۈنۈگۈن بىز ئاسىيا بازىرىدا نېفىتنى 49.1 ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئېلىپ ، كەچلىك ئامېرىكا بازىرى ئېچىلغاندا 48.7 ئەتراپىدا قولدىن چىقاردۇق ، بۇ سودا تەھلىلدىن 0.4 دوللار ئەتراپىدا پايدا كۆرۈلدى ، ھەم بىز ياۋرۇپا بازىرىدا نېفىتنى 49.6 ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئېلىپ ، پايدىسىنى 49.3 ئەتراپىغىچە كۆردۇق . بۇ سودا تەھلىلدىن 0.3 دوللار ئەتراپىدا پايدا كۆرۈلدى ، ئومۇمەن تۈنۈگۈن بىز نېفىتنى يۇقىرى باھادىن چۈشۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلىپ سودا قىلدۇق ، ھەمدە تۈنۈگۈنكى تەھلىل بۇيىچە سودا قىلىپ ، جەمئىي 0.7 دوللار ئەتراپىدا پايدا كۆردۇق .
2.بۈگۈن سودا قىلغاندا نېفىتنى يۇقىرى باھادىن چۈشۈشكە ، تۆۋەن باھادىن ئۆسۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلىپ سودا قىلىمىز . قالغان تەپسىلىي سودا مەشغۇلاتى ھەر قايسى qq vip توپلىرىغا يوللىنىدۇ.

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار
49.50

مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ .

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.