2017-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى نېفىت سودا تەھلىلى

xayida 2017-02-24 10:59:29

\

ئاساسىي ئانالىز

پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا 4-ئايلىق WTIقەرەللىك نېفىت باھاسى 0.86دوللار ئۆرلەپ ، 54.45دوللار/باك بولدى .برېنىت 4-ئايلىق قەرەللىك نېفىت باھاسى 0.74دوللار ئۆرلەپ ،56.58دوللار/باك بولدى . گەرچە ئامېرىكا نېفىت زاپاس مىقدارى ئېشىپ كېتىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكا مەھسۇلات مىقدارى ئۆرلىگەن بولسىمۇ ، لېكىن چەككىلەنگەن ماي زاپاس مىقدارى چوڭ كۆلەمدە ئازلىدى ،ھەمدە دوللار باھاسى تۆۋەنلەپ يەنىلا نېفىت باھاسىغا بەلگىلىك تىرەش ئېلىپ كەلدى . ئامېرىكا WTIقەرەللىك نېفىت باھاسى يۇقىرى باھا 54.94دوللار/باك بولدى ، برېنىت قەرەللىك نېفىت باھاسى يۇقىرى باھا 57.48دوللار/باك بولدى .

مەشغۇلات باسقۇچى

1.پەيشەنبە كۈنى نېفىتنىڭ بىر كۈنلۈك تەۋرىنىشى 54.94-53.87دوللار ئارىلىقىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى ، تۈنۈگۈن بىز نېفىت باھاسى 54.5دىن ئېشىپ كەتمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ، 54.5ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئېلىشنى ، بۇ جەرياندا54.3-54.2ئەتراپىدىكى باھالار شەكىللەنسىمۇ ، ئوخشاشلا يىنىك دەرىجىدە چۈشۈشكە ئىلىپ ، پايدىسىنى 54-53.5ئەتراپىغىچە كۆرۈش ، زىياننى چوڭراق قىلىپ 55-55.2ئەتراپىدا قىلىپ تەڭشەش توغرىسىدا تەكلىپ بەرگەن ئىدۇق ، ھەم مۇشۇ بىر نەچچە كۈندە نېفىت باھاسىنىڭ تەۋرىنىش دائىرىسىنىڭ 55.2-53ئارىلىقىدا بولىدىغانلىقى ، 55.2دىكى باھادا توسالغۇنىڭ بارلىقى ، ئەگەردە نېفىت باھاسى 55.2دىكى توسالغۇ نۇقتىدىن ئېشىپ كەتسە ، داۋاملىق ئۆرلەش يۆلىنىشىنى ئاساس قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئەسكەرتىش بەرگەن ئىدۇق ، كەچلىك ئامېرىكا بازىرىدا ئۇچۇر نەتىجىسى پايدىلىق چىقىپ ، نېفىت باھاسى ئەڭ يۇقىرى 54.94دوللارغا ئۆرلىگەن بولسىمۇ ، لېكىن 55.2دىكى توسالغۇ نۇقتىنى بۆسۈپ ئۆتەلمىگەچكە ، بىز قولىمىزدىكى تەھلىل بۇيىچە ئالغان نېفىت چۈشۈش ماللارنى 54ئەتراپىدا قولدىن چىقىرىش ئۈچۈن ساقلاپ قالدۇق .
2.بۈگۈن سودا قىلغانداتۆۋەن باھادىن ئۆسۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلىمىز .قالغان تەپسىلىي سودا مەشغۇلاتى ھەر قايسى qq vip توپلىرىغا يوللىنىدۇ.

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار
55.2

مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ .

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.