2017-يىلى 2-ئاينىڭ10-كۈنى نېفىت سودا تەھلىلى

xayida 2017-02-10 11:03:26

\

ئاساسىي ئانالىز

پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا 3-ئايلىق WTIقەرەللىك نېفىت بازار يىپىلىش باھاسى 0.66دوللار ئۆرلەپ ، 53.00دوللار/باك بولدى . برېنىت 4-ئايلىق قەرەللىك نېفىت بازار يىپىلىش باھاسى 0.51دوللار ئۆرلەپ ، 55.63دوللار/باك بولدى . ئامېرىكا بېنزىن زاپاس مىقدارنىڭ تۇيۇقسىز تۆۋەنلەپ كېتىپ ، ئامېرىكا نېفىت زاپاس مىقدارىنىڭ ئىشىپ كېتىشى نېفىت باھاسىغا بىر قىسىم پايدىسىز ئامىللارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا چۈشۈش مېلىنىڭ تولۇقلىنىشى نېفىت باھاسىنى تۇراقلاشتۇرالمىدى ، بىراق دوللار باھاسىنىڭ ئۆرلىشى ۋە نېفىت بىلەن تەمىنلەش بازار ئېھتىياجدىن ئىشىپ كېتىش ئەندىشىسى يەنىلا نېفىت باھاسىغا بېسىم ئىلىپ كەلدى . ئامېرىكاWTIقەرەللىك نېفىت باھاسى يۇقىرى باھا 53.21دوللار/باك بولدى ، برېنىت قەرەللىك نېفىت باھاسى يۇقىرى باھا 55.93دوللار/باك بولدى .

مەشغۇلات باسقۇچى

1.پەيشەنبە كۈنى نېفىتنىڭ بىر كۈنلۈك تەۋرىنىشى 53.21-52.37دوللار ئارىلىقىدا تەۋرىنىش ئىلىپ باردى ، تۈنۈگۈن بىز نېفىتنى ياۋرۇپا بازىرىدا 52.8ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئالىمىز دىگەن ئىدۇق ، نېفىت باھاسى ئەڭ تۆۋەن 52.6ئەتراپىدىن چۈشۈپ بولالمىغاچقا ، نېفىت باھاسىنىڭ 53.2ئەتراپىغىچە ئۆسۈش بوشلۇقى شەكىللەندى ، شۇ سەۋەبتىن بىز 53.8ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئالغان مېلىمىزنى ئىز باھاسىدا قولدىن چىقىرىۋىتىپ تۇردۇق ، ھەمدە ئامېرىكا بازىرىدا نېفىتنى 53-53.2ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئىلىپ ، پايدىسىنى 52.7ئەتراپىدا قولدىن چىقاردۇق ، زىياننى 53.6گە تەڭشىدۇق ، بۇ سودا تەھلىلدىن 0.3دوللار ئەتراپىدا پايدا كۆرۈلدى ، ئومۇمەن تۈنۈگۈن بىز نېفىتنى يۇقىرى باھادىن چۈشۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلىپ سودا قىلدۇق .
2.بۈگۈن سودا قىلغاندا يۇقىرى باھادىن چۈشۈشكە ئىلىشنى ئاساس قىلىمىز .قالغان تەپسىلىي سودا مەشغۇلاتى ھەر قايسى qq vip توپلىرىغا يوللىنىدۇ.

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار
53.5

مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ .

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.