2018-يىلى5-ئاينىڭ 15-كۈنى نېفىت سودا تەھلىلى

kudret 2018-05-15 11:03:17

\

ئاساسىي ئانالىز
دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا 6‏-ئايلىق wti قەرەللىك نېفىت باھاسى 0.26 دوللار ئۆرلەپ، 70.96 دوللار\باك بولدى. برېنت ‎7‏-ئايلىق قەرەللىك نېفىت باھاسى 1.11 دوللار ئۆرلەپ، 78.23 دوللار\باك بولدى. نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر opec تەشكىلاتىنىڭ ئايلىق دوكىلاتى ئېلىپ كەلگەن پايدىلىق تەسىرى نېفىت ئۆسۈش مېلىغا ئىشەنچ پەيدا قىلدى، بىراق ئامېرىكا سىلانتىس مېيى مەھسۇلات مىقدارىنىڭ داۋاملىق ئۆرلىشى بازاردىكى ئەندىشە كەيپىياتىنى كۈندىن كۈنگە ئاشۇردى. ئامېىركا wti قەرەللىك نېفىت باھاسىنىڭ يۇقىرى باھا 71.26 دوللار\باك بولدى، برېنت قەرەللىك نېفىت باھاسىنىڭ يۇقىرى باھا 78.53 دوللار\باك بولدى.

مەشغۇلات باسقۇچى
دۈشەنبە كۈنى نېفىت باھاسىنىڭ بىر كۈنلۈك تەۋرىنىشى 70.26-71.26 دوللار ئارىلىقىدىكى باھادا بولدى، ئاسىيا ۋە ياۋروپا بازىرىدا بىز 70.8-70.6 ئەتراپىدىكى باھادىن يېنىك چۈشۈشكە مال ئالدۇق، كەچلىك ئامېرىكا بازىرىدا 71.2-71 ئەتراپىدىكى باھادىن يېنىك چۈشۈشكە مال قوشتۇق ھەم بىر قىسىم چۈشۈش ماللىرىنى 70.9 ئەتراپىدىكى باھادا قولىمىزدىن چىقاردۇق يەنە بىر قىسىم ماللارنى ئازراق پايدا ياكى ئىز باھاسىدا چىقرىپ تۇرۇشقا ئەسكەرتىش بەردۇق ئەگەر پايدا نۇقتىسىنى كىچىكرەك قىلىپ تەڭشەپ قويغانلار بولسا قولىمىزدىكى ماللارنى مۇۋاپىق باھالاردا چىقىرىۋالغان بولاتتۇق، ئەگەر قولىمىزدا تېخى چىقىرىپ بولالمىغانلار بولسا مۇۋاپىق باھالارغا پۇرسەت بەرگەندە چىقىرىپ تۇرساق بولىدۇ. تۆنۈگۈنكى تەھلىل بويىچە قىلىنغان نېفىت سودىسىدىن جەمئىي 0.3 دوللار ئەتراپىدا پايدا شەكىللەندى.

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار
71.2

مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ . قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.