2018-يىلى 4-ئاينىڭ 13-كۈنى نېفىت سودا تەھلىلى

kudret 2018-04-13 10:49:46

\

ئاساسىي ئانالىز
پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا 5‏-ئايلىق WTI قەرەللىك نېفىت باھاسى 0.25 دوللار ئۆرلەپ، 67.07 دوللار\باك بولدى. برېنت 6‏-ئايلىق قەرەللىك نېفىت باھاسى 0.04 دوللار تۆۋەنلەپ، 72.02 دوللار\باك بولدى. OPEC ئايلىق دوكىلاتىدا ئېلان قىلىنغان پايدىلىق ھەم پايدىسىز ئامىللار بازاردا ئېگىز پەسلىك شەكىللەندۈردى، گەرچە پەيشەنبە كۈنى جىددىلىشىش كەيپىياتى پەسەيگەن بولسىمۇ، بىراق تىراپنىڭ كەلگۈسى يۆلىنىشى يەنىلا چوڭراق بولغان ئېنىقسىزلىق شەكىللەندۈردى، نېفىت باھاسىدا چوڭ بولغان تەۋرىنىش ھالىتى شەكىللەندۈردى. ئامېرىكا WTI قەرەللىك نېفىت باھاسىنىڭ يۇقىرى باھا 67.33 دوللار\باك بولدى، برېنت قەرەللىك نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەن باھا 71.01 دوللار\باك بولدى.
مەشغۇلات باسقۇچى

پەيشەنبە كۈنى نېفىت باھاسىنىڭ بىر كۈنلۈك تەۋرىنىشى 66-67.33 دوللار ئارىلىقىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى، ئاسىيا ۋە ياۋروپا بازىرىدا بازار ئەھۋالىنى كۆزۈتۈشنى ئاساس قىلدۇق، كەچلىك ئامېرىكا بازىرىدا 66.8 ئەتراپىدىكى باھادىن يېنىك چۈشۈشكە ئېلىپ پايدىسىنى 66.5-66 ئەتراپىدىكى باھالارغىچە قولىمىزدىكى ماللارنى چىقاردۇق، بىز يەنە 66 ۋە 65.5 ئارىلىقىدىكى باھادىن ئۆسۈشكە ئېلىش تەكلىپىنى بەرگەن ئىدۇق لېكىن نېفىت باھاسى بىز دېگەن باھالارغا كەلمەيلا ئۆرلەپ كەتتى ئەگەر بازارغا بالدۇراق كىرگەن خېرىدارلار بولسا مۇۋاپىق پايدا شەكىللەنگەن بولاتتى. تۆنۈگۈنكى تەھلىل بويىچە قىلىنغان نېفىت سودىسىدىن جەمئىي 0.8 دوللار ئەتراپىدا پايدا شەكىللەندى.

2.بۈگۈن نېفىتنى ئاساسلىق يۇقىرى باھادىن چۈشۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلىمىز .قالغان تەپسىلىي سودا مەشغۇلاتى ھەر قايسى qq vip توپلىرىغا يوللىنىدۇ.

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار
67.7
مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ . قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.