بۈگۈنكى كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم كۆرسەتكۈچلەر

gulbostan 2017-04-17 11:54:49

\


ئامېرىكا ۋاقتى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ 3-ئايلىق پەسىللىك تەڭشەلگەندىن كېيىنكى ئىستىمالچىلار مال باھا كۆرسەتكۈچى %0.3 چۈشتى، بۇ 13 ئايدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق چۈشۈش ھېسابلىنىدۇ؛ ئامېرىكىنىڭ 3-ئايلىق پارچە سېتىش سوممىسى ئايلىق نىسبىتى %0.2 چۈشۈپ، ئۇدا ئىككىنچى ئاي چۈشۈپ، بىرىنچى پەسىللىك ئىقتىساد ئېشىش سۈرئىتىنىڭ تۇيۇقسىز ئاستىلىغانلىقىدىن بىشارەت بەردى، ئامېرىكىنىڭ 3-ئايلىق پۇل پاخاللىقى ۋە پارچە سېتىش سوممىسى سانلىق مەلۇماتى كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈردى، بۇ ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومېتىتىنىڭ بۇ يىل ئۈچ قېتىم ئۆسۈم ئۆستۈرۈش پىلانىغا قارىتا مەلۇم دەرىجىدە توسالغۇ پەيدا قىلىشى مۇمكىن.

دۇشەنبە كۈنى، پاسخا بايراملىق دەم ئېلىش سەۋەبىدىن، ياۋرو-ئاېمرىكىدىكى كۆپلىگەن بازار دەم ئالىدۇ، ئەنگىلىيە ICE گوروھى بايرىقى ئاستىدىكى برىنىت خام نېفىتى توختامى ۋاقتىنچە سودىنى توختىتىدۇ، ئامېرىكا CME بايرىقى ئاستىدىكى قىممەتلىك مىتال، ئامېرىكا خام نېفىتى ۋە تاشقى پېرۋوت توختاملىق سودىسى پۈتۈن كۈن ئارام ئالىدۇ. ئاۋىستىرالىيە، ياۋروپادىكى كۆپلىگەن دۆلەتنىڭ پاي بازىرى ئارام ئالىدۇ، شىياڭگاڭ پاي بازىرى مۇلازىمەت تەمىنلىمەيدۇ.

بۈگۈنك مۇھىم كۆڭۈل بۆلىدىغان نۇقتا: جۇڭگونىڭ بىرىنچى پەسىللىك گ د پ كۆرسەتكۈچى، جۇڭگونىڭ سانائەت ئېشىش قىممىتى يىللىق نىسبىتى، جۇڭگونىڭ 1-3 ئايلىق شەھەر-بازار مۇقىم مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش يىللىق نىسبىتى، جۇڭگونىڭ 3-ئايلىق جەمىيەت ئىستىمال بۇيۇمى پارچە سېتىش ئومۇمى سوممىسى يىللىق نىسبىتى قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلار.

پاي بازىرى

بېيجىڭ ۋاقتى 16-ئاپرىل، ياۋروپا پاي بازىرى تەرەپتە،Stoxx50 كۆرسەتكۈچى %0.58 چۈشۈپ، 3448.26نۇقتىدا يېپىلدى. پاسخا بايراملىق دەم ئېلىش سەۋەبىدىن ياۋروپادىكى كۆپلىگەن دۆلەتنىڭ پاي بازىرى بىر كۈن دەم ئالدى، ئامېرىكىنىڭ پاي بازىرىمۇ بىر كۈن دەم ئالدى.

خام نېفىت، ئالتۇن بازىرى

خام نېفىت، ئالتۇن بازىرىمۇ پاسخا بايراملىق دەم ئېلىش سەۋەبىدىن، بىر كۈن دەم ئالدى.

خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى ئازراق ئۆستى

پاسخا بايراملىق دەم ئېلىش سەۋەبىدىن، كېچىدىن ئۆتۈش باسقۇچىدا تاشقى پېرۋوت بازىرى دەم ئالدى. قىرغاقتىكى خەلق پۇلىنى دوللارغا ئالماشتۇرۇش نىسبىتى بېيجىڭ ۋاقتى 23:30 دا 6.8855 دە بازار يېپىلىپ، تۈنۈگۈن كېچىلىك بازاردىكى يېپىلىش باھاسىغا سېلىشتۇرغاندا 18 نۇقتا ئۆستى؛ پۈتۈن كۈندىكى سودا پۈتۈشۈش مىقدارى 2.558 مىليارد دوللار ئازىيىپ، 23.121 دوللارغا چۈشۈپ قالدى. قارشى قىرغاقتىكى خەلق پۇلىنى دوللارغا ئالماشتۇرۇش نىسبىتى نىيويورك كەچلىك بازار ۋاقتىدا 28 نۇقتا ئۆستى، بېيجىڭ ۋاقتى 4:59 دا 6.8820 دە بازار يېپىلدى.

بۈگۈنكى كۆڭۈل بۆلىدىغان نۇقتىلار:

10:00 جۇڭگونىڭ 3-ئايلىق جەمىيەت ئىستىمال بۇيۇمى پارچە سېتىش ئومۇمى سوممىسى يىللىق نىسبىتى

10:00 جۇڭگونىڭ 1-3 ئايغىچە بولغان جەمىيەت ئىستىمال بۇيۇمى پارچە سېتىش ئومۇمى سوممىسى يىللىق نىسبىتى

10:00 جۇڭگونىڭ 1-3 ئايغىچە بولغان شەھەر-بازار مۇقىم مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش يىللىق نىسبىتى

10:00 جۇڭگونىڭ3-ئايلىق كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت ئېشىش قىممىتى يىللىق نىسبىتى

10:00 جۇڭگونىڭ 1-3 ئايغىچە بولغان كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت ئېشىش قىممىتى يىللىق نىسبىتى

10:00 جۇڭگونىڭ 1-پەسىللىك گ د پ يىللىق نىسبىتى

10:00 جۇڭگونىڭ 1-پەسىللىك گ د پ يىللىق ھالقىما نىسبىتى

10:00 دا 2017-يىللىق خەلق ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالى دوكىلات قىلىنىدۇ

20:30 ئامېرىكىنىڭ 4-ئايلىق نىيويورك فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومېتىتى ياساش كەسپى كۆرسەتكۈچى

22:00 ئامېرىكىنىڭ 4-ئايلىق NAHB ئۆي-مۈلۈك بازىرى كۆرسەتكۈچى

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىندى، باشقا تور بەتلەرنىڭ قالايمىقان كۆچۈرۈشىگە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر بايقىلىپ قالسا قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.