نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلىشى ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرەلمىدى

gulbostan 2017-03-14 16:26:19

\

FX168 ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى ئىلكان تورى تەرجىمىسى: جۇڭگو سىتاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ 3-ئاينىڭ 14-كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىشىچە، نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلىشى دۆلەتتىكى قىدېرىش سودىگەرلىرىنى نېفىت قۇدۇقىغا باشلاپ ئەكىلەلمىگەنلىكتىن، جۇڭگونىڭ 2-ئايلىق نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى بۇلتۇر 10-ئايدىن بۇيانقى تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالدى.
دۆلەتلىك سىتاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىشىچە، 2017-يىلى 1-ئايدىن 2-ئايغىچە جۇڭگو نېفىت كۈندىلىك ئوتتۇرىچە ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى %1.5 چۈشۈپ، كۈنىگە 3 مىليۇن 910 مىڭ باك بولغان بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىگە قارىغاندا %8 چۈشكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئالدىنقى 2 ئاينىڭ ئىچىدە جۇڭگونىڭ نېفىت پىششىقلاش مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.3 چۈشۈپ، كۈنىگە 11 مىليۇن 280 مىڭ باك بولغان.
Sanford C. Bernstein & Co نىڭ شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق تەھلىلچىسى Neil Beveridge نىڭ كۆرسىتىشىچە:«نېفىت باھاسى ھەر باكىنىڭ باھاسى 50 دوللار بولغان شارائىت ئاستىدا، جۇڭگونىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى مۇقىم بولىدىكەن، نېفىت باھاسى 60 دوللارلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتكەندە، ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئۆرلىمەيدىكەن.
2016-يىلى جۇڭگو خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.9 چۈشكەن بولۇپ 199 مىليۇن 700 مىڭ توننا بولغان، چۈنكى تۆۋەن بولغان نېفىت باھاسى قىدېرىش سودىگەرلىرىنىڭ چىقىمىنى تىجەيدىكەن. دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ 2-ئايدا ئېلان قىلغان پىلاىىغا ئاساسلانغاندا، دۆلىتىمىز 2017-يىلى 200 مىليۇن توننا نېفىت ئىشلەپچىقرىشنى پىلانلىغان.
بۈگۈنكى سانلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، جۇڭگونىڭ 2017-يىلى 1-ئايدىن 2-ئايغىچە بولغان خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 31 مىليۇن 440 مىڭ توننا بولغان، چەككىلەنگەن نېفىت 90 مىليۇن 760 مىڭ توننا بولغان.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.