شىركىتىمىزنىڭ بۇ قېتىملىق لېكسىيە پائالىيىتى نەتىجىلىك ئاياغلاشتى

gulbostan 2016-09-06 18:16:50

\

شىركىتىمىز 2016-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 14:00تىن 16:00گىچە تۇنجى سائەتلىك ھەقسىز يۈرۈشلۈك پائالىيەت ئورۇنلاشتۇردى. پائالىيەتنىڭ ئاساسلىق تېمىسى نەق مال سودىدىكى خېيىم خەتەرنى كونتىرول قىلىشقا ئائىت مۇھىم نۇقتىلار سۆزلەندى. يىغىندا ئىلكان شىركىتىمىزنىڭ باش دېرىكتورى، دىيارىمىزدىكى ئالىي دەرىجىلىك بازار ئانالىزى مۇتەخەسىسى ئالىيە خانىم مۇھىم سۆز قىلدى. پائالىيەت ناھايتى قىزغىن كەيپىياتتا ئېلىپ بېرىلدى. يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ كەيپىياتىمۇ ناھايتى جانلىق، روھلۇق بولدى. يىغىندا شىركىتىمىزنىڭ ئاساسلىق تۈرى بولغان ئالتۇن، كۈمۈش، نېفىت، يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېلىكتىرونلۇق تور سودىسىنى خېرىدارلارغا تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەندۈرۈش، سودىدىكى خېيىم خەتەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىقلارغا ئائىت بىلىملەر سۆزلەندى. ئالتۇن بازىرىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بىلىملەر، بازار ئانالىز قىلغاندا قايسى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش، مەبلەغ سېلىشقا ئائىت تۈرنى توغرا تاللاش قاتارلىق نۇقتىلار سۆزلەندى. لېكسىيە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، خېرىدارلار بىلەن ئالىي دەرىىلىك بازار ئانالىزچىسى ئالىيە خانىم پىكىر ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلدى. خېرىدارلار دۇچ كەلگەن مەسلىنى مۇتەخەسىس ئالىيە خانىم بىلەن پىكىرلىشىپ ياخشى ھەل قىلدى. شىركەتكە نىسبەتەن ياخشى تەكلىپ پىكىرلەر بولۇندى.


\

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.