ئۈرۈمچىدە كۈز پەسىللىك مېۋە باھاسى تۆۋەنلىدى

parida 2017-11-07 11:50:52

\

مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى جيۇدىڭ مېۋە-چېۋە توپ سېتىش بازىرى، يېڭى بېييۈەنچۈن مېۋە بازىرى شۇنداقلا قىسمەن يول بۆلەكلىرىدىكى مېۋە-چېۋە دۇكانلىرىدىن ئىگىلىشىچە، مېۋىلەرنىڭ تۈرىنىڭ كۆپلىكى، موللىقى، بازارنى تەمىنلەش مىقدارىنىڭ يېتەرلىك بولۇشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، بۇ يىل كۈزدە ئۈرۈمچى شەھىرىدە مېۋە باھاسى داۋاملىق چۈشۈپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10 تۆۋەنلىگەن.

شۇ كۈنى سائەت 13:00دە، مۇخبىر جەنۇبىي يېكەنكۆل شىمالىي يولىدىكى «گو گو» مېۋە سېتىش دۇكىنىدا باناننىڭ 2.98 يۈەن/كىلوگرام، ئالما بىلەن نەشپۈتنىڭ 5يۈەن/كىلوگرامغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى بىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئىقتىساد تەتقىقات ئورنىنىڭ «شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە باغۋەنچىلىك تەرەققىيات ئەھۋالى ۋە تەدبىرى ئۈستىدە تەتقىقات» دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مېۋە باھاسىدا قەرەللىك داۋالغۇش پەيدا بولۇشنى مېۋە سورتلىرى قۇرۇلمىسى تەكشىسىز، بالدۇر، كېيىن پىشىدىغان مېۋە سورتى نىسبىتى تەڭپۇڭسىز، بالدۇر پىشىدىغان مېۋە تۈرلىرى كەمچىل، كېيىن پىشىدىغان مېۋىلەر ئېھتىياجدىن ئېشىپ كېتىش قاتارلىق ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە نۇر تورىدىن ئېلىندى

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.