نېفىتقا مەبلەغ سېلىشنىڭ ئەۋزەللىكى قايسىلار؟

xayida 2019-03-27 15:14:16

\

بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا نېفىتقا مەبلەغ سېلىش تەرەققىياتى يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە دەپ قارىلىدىغان ساھەلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. نېفىتقا مەبلەغ سېلىشنى باشقا پايچىك، ئۆي-مۈلۈك قاتارلىق مەبلەغ سېلىش ئۇسۇللىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا تۆۋەندىكى بىر نەچچە تۈرلۈك ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە:

1. پۇرسەت كۆپ: مەبلەغ سېلىش پۇرسىتى كۆپ، ھەر بىر قېتىملىق باھا تەۋرىنىشى مەبلەغ سالغۇچىلار ئۈچۈن تۆۋەن باھادىن سېتىۋېلىپ، يۇقىرى باھادىن سېتىپ چىقىرىشقا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ.

2. قىممەتلىك :نېفىتنىڭ قارا ئالتۇن دېگەن نامى بار، ئاز ئۇچرايدىغان قايتا ھاسىل بولمايدىغان بايلىق، دۆلەتنىڭ ئىستىراتېگىيىلىك زاپاس بايلىقى، يەر شارىدىكى تەمىنلەش ئېھتىياج نىسبىتى جىددىي بولىۋاتقان قىممەتلىك بايلىق ھېسابلىنىدۇ.

3. پايدىسى يۇقىرى: رەسمىيەت ھەققى تۆۋەن، سودىلىشىش تەننەرخى تۆۋەن، پىشاڭلىق مۇناسىۋىتىگە ئىگە تۆۋەن تەننەرخ بىلەن يۇقىرى پايدىغا ئېرىشكىلى بولىدىغان سودا تۈرى.

4. جانلىق : 24سائەتلىك قوش يۆنىلىشلىك سودا، خالىغان ۋاقىتتا سېتىۋېلىپ ، خالىغان ۋاقىتتا سېتىپ چىقارغىلى بولىدۇ.

5. بىخەتەر: باھاسى ئۇچۇق ئاشكارە، سودا جەريانى ئادىل، سودا مەبلىغىنى ئۈچىنچى تەرەپ بانكىسى ۋاكالىتەن باشقۇرىدۇ.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.