قەرەللىك پاختا ۋە قەرەللىك شىكەر باھاسىنىڭ كېيىنكى يۆنىلىشى

parida 2017-07-03 16:33:30

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: ئالدىنقى ھەپتىدە، جۇڭگونىڭ قەرەللىك مال بازىرىنى كۆزىتىش مەركىزى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى قەرەللىك مال كۆرسەتكۈچى %0.27 ئاشقان، 902.53 نۇقتىغا يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە دانلىق زىرائەتلەرنىڭ كۆرسەتكۈچى %0.60 ئېشىپ، 1067.76 نۇقتىغا يەتكەن.
ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، جېڭجۇ پاختىسىنىڭ باھاسى ئالدىنقى ھەپتە يىل ئىچىدىكى تۆۋەن سەۋىيىگە چۈشكەن. 6-ئايدىن بۇيان، دۆلەت زاپاس پاختىسىنىڭ كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش پۈتۈشۈش مىقدارى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىگەن بولۇپ، بۇ كېيىنكى بازاردا قەرەللىك پاختا باھاسىغا بولغان ئەندىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. تېخىمۇ ئەندىشىگە سالىدىغىنى شۇكى، خەلقئارا پاختىنىڭ تېرىلىش كۆلىمى، مەھسۇلات مىقدارى زور دەرىجىدە ئاشقان، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە خەلقئارا پاختا باھاسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تۆۋەنلەپ، قەرەللىك پاختىنىڭ باھاسىغا بىۋاستە تەسىر كۆرستىشىگە سەۋەبچى بولغان. نۆۋەتتە، جېڭجۇ پاختىسىنىڭ بازىرى يەنىلا كاسات بولۇپ، كېيىنكى بازاردا خەلقئارا پاختا باھاسىنىڭ يۆنىلىشىگە قاراپ بېكىتىلىدۇ.
يېقىندا، شىكەر ئىتتىك بازىرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى توغرىسىدا خەۋەرلەر كۆپ بولسىمۇ، ئەمما ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، شىكەر باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولىدىغان ئامىللار يەنىلا مەۋجۇت ئىكەن. دۆلەت ئىچى شىكەر بازىرىدا «ئۈچ يىل بىر مۇددەت» دەيدىغان بىرخىل قاراش بار، يەنى بازار ئۈچ يىلدا ئاۋات بولسا، كېيىنكى ئۈچ يىلدا ئاساسەن كاسات بولىدۇ. نۆۋەتتە، قەرەللىك شىكەرنىڭ باھاسى يۇقىرى نۇقتىدىن 1000 يۈەن(توننا)غا چۈشتى. ئەگەر بۇ قېتىمقى ئىتتىك بازار ئاخىرلاشسا، ئۇنداقتا بۇ بۇقېتىملىق ئىتتىك بازارنىڭ 26 ئاي (2014-يىلى 10-ئايدىن 2016-يىلى 11-ئايغىچە) داۋاملاشقانلىقىنى، ئالدىنقى ئۈچ قېتىملىق ئىتتىك بازار ۋاقتىنىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا 19 ئاي، 30 ئاي ۋە 36 ئاي بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. قارىشىمىزچە، شىكەر باھاسىنىڭ 1000 يۈەن‌ توننىغا چۈشۈشى ھەرگىزمۇ ئىتتىك بازارنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، ئالدىنقى ئۈچ قېتىملىق ئىتتىك بازاردا ئوتتۇرىچە 1000 يۈەن‌توننىدىن چۈشكەن بولۇپ، كېيىن يەنە ئۈزلۈكسىز يۇقىرى ئۆرلىگەن.
نۆۋەتتە، خەلقئارا شىكەر باھاسى ئاللىبۇرۇن 12 سېنت‌‌‌‌‌‌‌‌ ئەتراپىدا تۆۋەنلىدى، نورما سىرتىدا ئىمپورت قىلىنغان تەننەرخ 5500 يۈەن (توننا) ئەتراپىدا بولدى. بىز 9-ئايدىن بۇرۇن گۇاڭشى قەرەللىك شىكىرىنىڭ باھاسى 6000 يۈەن (توننا)دىن تۆۋەنلەش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئەمەس دەپ قارايمىز. ئانالىزچىلار ئومۇمىي جەھەتتىن مۇنداق دەپ قارايدۇ، شىكەر باھاسىغا بولغان قىسقا مەزگىللىك بېسىم چوڭ، ئەمما ئۇزاق مەزگىلدىن قارىغاندا، شىكەر باھاسى چۈشكەندىن كېيىن يەنە ياخشى بولغان سېتىۋىلىش پۇرسىتى كېلىدۇ.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.