دۆلەت ئىچىدە بۇغداي باھاسى نىسبەتەن مۇقىم

gulbostan 2017-05-25 16:09:21

\

نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزدە بۇغداي باھاسى نىسبەتەن مۇقىم بولۇپ، كونا بۇغداينىڭ باھاسى ئازراق تۆۋەنلىدى. يېڭى بۇغداي ئىچىدىكى ياخشى ئاشلىق باھاسى ئازراق ئۆرلىدى، يېڭى بۇغداينىڭ باشلىنىش باھاسى ئوخشاش نىسبەتتىكىدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولدى. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب، نۆۋەتتىكى ئوبوروت بازىرىدا كونا بۇغداي ئاشلىق مەنبەسى قۇرۇپ كەتكەنلىكتىن، سىياسەت خاراكتېرلىك بۇغداي كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش باھاسىنىڭ يۇقىرى بولۇشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. ئىگىلىنىشىچە، يېقىندىن بېرى جەنۇبىي رايونلاردىكى بۇغداي ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىدا يېڭى بۇغداينىڭ بازارغا كىرىشىگە ئەگىشىپ، شىمالنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى سودىگەرلەر ۋە ئۇن ياساش كارخانىلىرىدىكى مال سېتىۋالغۇچىلار خۇبېيدىكى بۇغداي بازىرىغا يىغىلىپ بەس-بەستە ئاشلىق سېتىۋالدى. شۇڭا رايون ئاتلاپ بۇغداي سېتىۋىلىش ئەھۋالى بازارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.